
00:00
03:34
18Yash
歌词
相关信息
作曲 : Jurat Tursun
编曲 : Abdurahman imin
18 ياش
سۆزى ئابلىكىم ھەسەن
ئۈنۈملىگۈچى ئەلىجان ئاقسوپا
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
ئون سەككىز ياش يانىۋار توقايلىقتا شۈرمەل قار
قارنى پوملاپ ئاتقاندا يۈرۈگۈمدە نەۋباھار
18 ياش سەن تاتىنچاق مەن بەڭۋاش
مۇزىكا
قاردا جۈپ ئىز مەنزىرە يەلكەڭدە قولۇم گىرە
ئاقتېرەككە ئويغان خەت سۆيگۈمىزدىن خاتىرە
18 ياش ئاق دالاغا ئاي سىرداش
مۇزىكا
ئايلار ئۆتتى كۈن ئۆتتى ئاسمان مۇڭلۇق ئاي خىرە
سەندە قالغان كۆڭۈلنى ئەمدى ماڭا كىم بېرە
ئايلار ئۆتتى كۈن ئۆتتى ئاسمان مۇڭلۇق ئاي خىرە
سەندە قالغان كۆڭۈلنى ئەمدى ماڭا كىم بېرە
18 ياش ھەر سېغىنسام كۆزۈم ياش
18 ياش ئاق دالاغا ئاي سىرداش