
00:00
02:40
Entizarmen
歌词
相关信息
سەن ئۇچرىغان كوچىغا،
ھىدلىرىڭ بار غۇنچىغا،
مەندەك كۆيگەنلەر بارمۇ،
گۈزەلىم ئېيتقىن ساڭا.
يۈرەگىمنى كۆيدۈردۈڭ يار نازىڭدىن،
بىلگىن يار مىنىڭ ئاشىق ھالىمدىن.
يىنىمدا يۈر بولاي سىنىڭ شاھزادەڭ،
سۆزۈڭگە ئىنتىزارمەن.
كۆرەرسەن ھالىمنى كۆزۈمنىڭ قارىسىدىن،
بىلەرسەن دەردىمنى كۈيۈمنىڭ ساداسىدىن.
يۈرەگىمنى كۆيدۈردۈڭ يار نازىڭدىن،
قاراپ بىلگىن مىنىڭ ئاشىق ھالىمدىن.
يىنىمدا يۈر بولاي سىنىڭ شاھزادەڭ،
سۆزۈڭگە ئىنتىزارمەن.
سىنى ئايدىن سورىسام بىلەرمىكىن،
كۆكتە تۇرۇپ ھالىمدىن كۈلەرمىكىن.
ھەر كۈن سىنىڭ سۆيگۈڭدىن ئۆمۈتۋارمەن،
سۆيگۈڭگە ئىنتىزارمەن.
يۈرەگىمنى كۆيدۈردۈڭ يار نازىڭدىن،
بىلگىن يار مىنىڭ ئاشىق ھالىمدىن.
يىنىمدا يۈر بولاي سىنىڭ شاھزادەڭ،
سۆزۈڭگە ئىنتىزارمەن.