
Dadam Barida Dadam
作词 : Anwar Maglik
作曲 : Anwar Maglik
دادام بارىدا دادام
ئۆمـــــەر داۋۇت
سۇ ئىچسەممۇ ھەسەلدەك دادام باردا دادام
تاش ئالساممۇ گۆھەردەك دادام باردا دادام
ئاسمانغا يەتكەن غۇلاچىم دادام بارىدا دادام
ئەمدى يوقتۇر ئىلاجىم،دادام قەددىم دادام
ئاسمانغا يەتكەن غۇلاچىم دادام بارىدا دادام
ئەمدى يوقتۇر ئىلاجىم،دادام قەددىم دادام
تاغ ئىكەن تاغ ئىكەن، دادام تاغىم دادام
يۆلەنچۈكۈم سەردارىم، دادام باغرىم دادام
تاغ ئىكەن تاغ ئىكەن، دادام تاغىم دادام
يۆلەنچۈكۈم سەردارىم، دادام باغرىم دادام
دادام بارىدا دادام
كۈن چۈشمىگەن بېشىمغا دادام بارىدا دادام
كۈلۈپ ئاققان قۇياشىم دادام بارىدا دادام
ھاجەتلىرىم تامامتى دادام بارىدا دادام
سەن كەتمىسەڭ بولمامتى دادام يوق سەن دادام
ھاجەتلىرىم تامامتى دادام بارىدا دادام
سەن كەتمىسەڭ بولمامتى دادام يوق سەن دادام
تاغ ئىكەن تاغ ئىكەن دادام تاغىم دادام
يۆلەنچۈكۈم سەردارىم دادام باغرىم دادام
تاغ ئىكەن تاغ ئىكەن دادام تاغىم دادام
يۆلەنچۈكۈم سەردارىم دادام باغرىم دادام
يۆلەنچۈكۈم سەردارىم دادام باغرىم دادام
دادام باغرىم دادام