
Tatlik Balihan
作词 : 民间
作曲 : 民间
ئوماڭنى ئوراپ قويدۇم
باغلاشنى ئۆزۈڭ باغلا
دىلدا بارنى دەپ بولدۇم
سۆيگۈمنى ئۇلۇغ چاغلا
باغرىم بالىخان قارا كۆز
تاتلىق بالىخان خۇمار كۆز
غۇنچە بويلىرىڭ زىلۋا
كۆڭلۈمدىكى ئۇماق قىز
غۇنچە بويلىرىڭ زىلۋا بالىخان
كۆڭلۈمدىكى ئۇماق قىز
كاككۇك تۇلا سايرايدۇ
زەينەپ ئۆزى سايراتقان
ئاشىق- مەشۇق كۆڭلىنى
ۋىسال پەيزى يايراتقان
باغرىم بالىخان قارا كۆز
تاتلىق بالىخان خۇمار كۆز
غۇنچە بويلىرىڭ زىلۋا
كۆڭلۈمدىكى ئۇماق قىز
غۇنچە بويلىرىڭ زىلۋا بالىخان
كۆڭلۈمدىكى ئۇماق قىز
تەشنا يۈرەك يايرايدۇ
گۈل جامالىڭنى كۆرسە
مەن ساڭا قانارمەنمۇ
لەۋلىرىڭگە مىڭ سۆيسەم
چىن سۆيگۈ شېرىن تاتلىق
ياشلىقنىڭ چېغى چاغلىق
كۆڭلۈمنى بۈلەلمەيمەن
كۆڭلۈم ساڭا باغلاقلىق
باغرىم بالىخان قارا كۆز
تاتلىق بالىخان خۇمار كۆز
باغرىم بالىخان قارا كۆز
تاتلىق بالىخان خۇمار كۆز
غۇنچە بويلىرىڭ زىلۋا
كۆڭلۈمدىكى ئۇماق قىز
غۇنچە بويلىرىڭ زىلۋا بالىخان
كۆڭلۈمدىكى ئۇماق قىز