Abdulla Abdurehim 阿不都拉歌曲封面
00:00
05:00
🔊

Oghlumgha (致儿子)

专辑
Oghlumgha / 致儿子
发行日期
2020-09-18
流派
暂无
时长
05:00
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : Abdulla Abdurehim 阿不都拉

作曲 : Askar Muhtar

سۆزى:ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

مۇزىكىسى:ئەسقەر مۇختەر

ئاكورتلاشتۇرغۇچى:ئەسقەر مۇختەر

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

«يىگىن ئىچكىن بۇزۇپ چاچما»دىگەن ھىكمەت مىراس بىزگە

بۈگۈن دانالىرىم قايتا شۇ ھىكمەتنى سالار ئەسكە

ئەجەپ دەۋران سۈرۈپ ماڭدۇق گۈزەل ئەتە ئۈچۈن ئەمما

يېتىڭ قەدرىگە توقلۇقنىڭ چېلىقمايلى يامان كۆزگە

ئەي...

چېلىقمايلى يامان كۆزگە

قەدىرلەش بۇردا ئاق ناننى—پەزىلەت ئەۋجىدۇر بىلسەڭ

شۇڭا ۋارىس ئېسىل ئەۋلاد بولۇش—شەۋكەت ماڭا سىزگە

بۈيۈكلەر ئېيتىدۇ دائىم «بىغەم يۈرمەيلى خوشلۇقتا»

خەتەر تۇيغۇسى كەم توشقان—چوماققا دەل چىقار تۈزگە

ئەي...

چوماققا دەل چىقار تۈزگە

شۇ تاپ دۇنيادا سانسىزلار تېخى ئاچلىقتا ،زارلىقتا

بىلىپ-بىلمەي تۆكۈلدى ئاش،تۆكۈلدى نان ئېشىپ بىزدە

نىمە خار بولسا بىر كۈنلەر شۇنىڭغا زار بولۇر ئىنسان

بۇ ھال تاشلىمىسۇن بىزنى باھاردىن ئېلىپ«غېرىپ كۈز»گە

ئەي...

باھاردىن ئېلىپ«غېرىپ كۈز»گە

شۇڭا ئوغلۇم،ساڭا مەندىن نەسىھەت بۇ ئىشەنگەيسەن

«خاراپتۇر داننى خار قىلغان ماكان ئەھلى»دىگەن سۆزگە

ئەي...

ماكان ئەھلى دېگەن سۆزگە

يىگىن ئىچكىن بۇزۇپ چاچما!

مىللىيچە سازدا:ئەسقەر مۇختەر

ئۈنگە ئالغۇچى:يارقىن ياسىن

كىرىشتۈگۈچى:كېرەمجان مەمتئېلى

--ئابدۇللا ئانسامبىلى--

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。