
Qiriqtin Otkende 四十过后
作词 : Batur Argashup
作曲 : Musahan
«قىرىقتىن ئۆتكەندە»
ئۆتكەن كۈنلەر جەبرىنى
يۈرەگىڭنىڭ سەۋرىنى
يېقىنلىرىڭ قەدرىنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
ئۆتكەن كۈنلەر جەبرىنى
يۈرەگىڭنىڭ سەۋرىنى
يېقىنلىرىڭ قەدرىنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
.
رەيھانلارنىڭ ئەترىنى
مۇھاببەتنىڭ دەردىنى
پەرزەنتىڭنىڭ بەختىنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
ھەقنى يازماس قەلەمنى
خاتا باسقان قەدەمنى
جانغا پاتقان ئەلەمنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
——
ساڭا تەشنا دىللارنى
سېخى جەننەت قوللارنى
ئىزسىز ئۆتكەن يوللارنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
.
يارغا بەرگەن ئازارىڭ
ھەق ۋە ناھەق قارارىڭ
چىن دوست ۋە يا ئەغيارىڭ
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
——
ئا.....
كەتكىنىدە ياخشىلار
ئېيتىپ دەرتلىك ناخشىلار
يۈرەك باغرىڭ تىرنىلار
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
.
ئاتا-ئاناڭ قەدىرنى
ئەل يۇرتۇڭنىڭ مېھرىنى
بۇ مۇقەددەس رىشتىنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
ئۆتكەن كۈنلەر جەبرىنى
يۈرەگىڭنىڭ سەۋرىنى
يېقىنلىرىڭ قەدرىنى
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
قەلبىم ئۆزۈڭ ئەمىر ئەت
مەن نادانغا رەھىم ئەت
ئاناڭ قەدرىگە ھەم يەت
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
ئاتاڭ قەدرىگە ھەم يەت
بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە
قىرىقتىن ئۆتكەندە
——