
Nima Boldi (怎么了)
作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
«نېمە بولدى؟»
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
سۆزى: ئابدۇۋەلى راخمان
مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختەر
ئاكوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر مۇختەر
مىللىيچە چالغۇدا: ئەسقەر مۇختەر
ئۈن ئالغۇچى: مەردان ئابلىكىم
ئۈنۈملىگۈچى: كېرەمجان مەمەتئېلى
﹉
كۆرۈنمەي كەتتىڭىز، سىزگە نېمە بولدى؟
سۆيگىنىم-جانانىم گۈلگە نېمە بولدى؟
كۆرۈنمەي كەتتىڭىز، سىزگە نېمە بولدى؟
سۆيگىنىم-جانانىم گۈلگە نېمە بولدى؟
نىچۈندۇر كۈلمەيسىز كۈلدۈرەي دېسەم
سىزدەك بىر چىرايلىق قىزغا نېمە بولدى؟
نىچۈندۇر كۈلمەيسىز كۈلدۈرەي دېسەم
سىزدەك بىر چىرايلىق قىزغا نېمە بولدى؟
مۇزىكا
يۈرىكىم پارە-پارە بولدۇم غېرىپ
ئىشقىڭىز ۋەجىدىن ئەھۋالىم زەئىپ
تەشنامەن جامالىڭىزنى كۆرۈشكە
كۆرگىڭىز يوق مېنى، كۆزگە نېمە بولدى؟
مۇزىكا
مۇھەببەت دېگەننىڭ شادلىقى بولسۇن
ئاچچىقنى ئاز قىلىڭ، تاتلىقى بولسۇن
بىلسڭىز بۇ ھايات چەكلىك بىز ئۈچۈن
بىلمىدىم جانانىم بىزگە نېمە بولدى؟
ئەي گۈزەل جانانىم ئوتىڭىز يالقۇن
سىز لەيلى، مەن ئۆزۈم گوياكى مەجنۇن
قاقشىماڭ، بىر ئۆمۈر كۈلۈپ ئۆتەيلى
سىزدەك ئۇز كۆڭلى كەڭ، تۈزگە نېمە بولدى
ئەي، بىلمىدىم جانانىم سىزگە نېمە بولدى
سىزدەك ئۇز كۆڭلى كەڭ، تۈزگە نېمە بولدى؟
سىزدەك ئۇز كۆڭلى كەڭ، تۈزگە نېمە بولدى؟
——
《Nima Boldi / 怎么了》
〖阿不都拉舞台〗2023演唱会
『阿不都拉工作室』出品
「编词:ALM灬阿帅」