
Bahargha Muxtaghlik (春之恋)
作词 : Abdurehim Otkur
作曲 : Murmamat Rozi
مۇزىكىسى: نۇرمەمەت روزى
شېئىرى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
♪♪♪
چىراغ ئوتىدا پەرۋانە
كۆيەر مەردانە-مەردانە
چىراغ ئوتىدا پەرۋانە
كۆيەر مەردانە-مەردانە
گۈزەل ۋەسلىڭگە ئەي دىلبەر
بولاي قۇربانە-قۇربانە
بولاي قۇربانە-قۇربانە
گۈزەل ۋەسلىڭگە ئەي دىلبەر
بولاي قۇربانە-قۇربانە
بولاي قۇربانە-قۇربانە
♪♪♪
كۈلۈپ كەلگەن ئىدىڭ بىر چاغ
يىتىپ ۋەسلىڭگە گۈلشەن باغ
قايان كەتتى ئاشۇ كۈنلەر
ئاشۇ كۈنلەر
كۈنۈم سەرسانە-سەرسانە
ساچىم بەلدە، ھاسام قولدا
بۇنۇرسىز كۆزلۈرۈم يولدا
بۇنۇرسىزكۆزلۈرۈم يولدا
كىشى كۆرسە بۇ ھالىمنى
بولۇر ھەيرانە-ھەيرانە
بولۇر ھەيرانە-ھەيرانە
كىشى كۆرسە بۇ ھالىمنى
بولۇر ھەيرانە-ھەيرانە
بولۇر ھەيرانە-ھەيرانە
♪♪♪
ئەي…
گۈزەل ھۆسنۈڭنى بىر كۆرمەي
ئاياغىڭدا بېشىم قويماي
ئاياغىڭدا بېشىم قويماي
گۈزەل ھۆسنۈڭنى بىر كۆرمەي
ئاياغىڭدا بېشىم قويماي
ئاياغىڭغا بېشىم قويماي
ئۆتەرمۇ ئۇشبۇ ھەسرەتتە
ئۆمۈر غەمخانە-غەمخانە
نەۋائىي ئىزىدىن مىسكىن
كۆرەي دەپ مەيدە يار ئەكسىن
كۆرەي دەپ مەيلى يار ئەكسىن
ئېلىپ قولغا ساپالىنى
كېزەر مەيخانە-مەيخانە
كېزەر مەيخانە-مەيخانە
ئېلىپ قولغا ساپالىنى
كېزەر مەيخانە-مەيخانە
كېزەر مەيخانە-مەيخانە
كېزەر مەيخانە-مەيخانە