
00:00
05:18
Ellik Yeshim(五十大寿)(翻自 Muhammat Salay)
歌词
相关信息
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئەللىك يېشىم
ئەللىك يېشىم ئەللىك قىسمەت داۋانىدۇر
ئەللىك يېشىم ئەلنىڭ ئەللىك ئارمانىدۇر
ئەللىك يېشىم بوۋام باسقان ئۇزاق يولنىڭ
داۋان ئاتلاپ كەلگەن ئەللىك كارۋانىدۇر
ئەللىك يېشىم بوۋام باسقان ئۇزاق يولنىڭ
داۋان ئاتلاپ كەلگەن ئەللىك كارۋانىدۇر
ئەللىك يېشىم ئەل كۆركىگە زىننەت بەرگەن
كۆمۈلمىگەن ئارزۇلارنىڭ جەۋلانىدۇر
ئەللىك يېشىم ئەللىك چۈشنىڭ گۈل غۇنچىسى
ياقا يىرتماي توزۇپ كەتكەن خازانىدۇر
ئەللىك يېشىم ئەللىك چۈشنىڭ گۈل غۇنچىسى
ياقا يىرتماي توزۇپ كەتكەن خازانىدۇر
...ئا .....ئا......ئا.....
ئەللىك يېشىم ئەللىك سۆيگۈ رىسالىسى
ئاشىقلارغا تەلىم بەرگەن داستانىدۇر
ئەللىك يېشىم ئەللىك يارەن ھال-مۇڭدىشى
بولغان غېرىپ بىر ئاشىققا ئاستانىدۇر
ئەللىك يېشىم ئەللىك يارەن ھال-مۇڭدىشى
بولغان غېرىپ بىر ئاشىققا ئاستانىدۇر
ئەللىك يېشىم ئەللىك قىسمەت داۋانىدۇر