
Heqkaqan (无时无刻)
作词 : Abduhelil Abdukerim
作曲 : Ablikim Ablet
编曲 : Ablikim Ablet
ھېچقاچان
نىگار سەنسىز كۈنلۈرۈم شاتلانمىدم ھېچقاچان
شىرىنلىكنى ئۆزگىدىن تاپالمىدىم ھېچقاچان
چىقتىم لېكىن سەيلىگە ئەزدى يەنە غېرىپلىق
قايتقىنىمدەك سەن بىلەن قايتالمىدىم ھېچقاچان
چىقتىم لېكىن سەيلىگە ئەزدى يەنە غېرىپلىق
قايتقىنىمدەك سەن بىلەن قايتالمىدىم ھېچقاچان
باغلار مەيۈس كۆرۈندى سەن كېتىپلا كۆزۈمگە
سەن بەرگەندەك تەسەللى بىرەلمىدىم ئۆزۈمگە
گۈلمۇ تۆكتى بەرگىنى يۈرۈگۈمنى ئىللتىپ
سەنسىز باھار پەيزىگە قانالمىدىم ھېچقاچان
♬
بەلكىم مىنى باغرىغا ئالماس ئەمدى خىيالىڭ
ئايان بولماس چۈشۈڭگە ھەتتا بەرگەن ئازابىڭ
بەلكىم مىنى باغرىغا ئالماس ئەمدى خىيالىڭ
ئايان بولماس چۈشۈڭگە ھەتتا بەرگەن ئازابىڭ
بىۋاپا دەپ يۆرۈگۈم گەرچە زارلاپ تۇرسىمۇ
ئۇنتاي دىدىم ئەجەبا ئۇنتالمىدىم ھېچقاچان
بىۋاپا دەپ يۆرۈگۈم گەرچە زارلاپ تۇرسىمۇ
ئۇنتاي دىدىم ئەجەبا ئۇنتالمىدىم ھېچقاچان