
Shirin Chush
作词 : Muhtar Bughra
作曲 : Abdulla Abdurehim 阿不都拉
«شىرىن چۈش»
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
مەن كېچىدە شىرىن چۈش كۆردۈم
چۈشۈمدە بىر كىچىك قۇش بولدۇم
نەسىردىن ئەپەندىم كەپتۇ
ئەگىپ ئۇچۇپ قولىغا قوندۇم
جەم بولۇپتۇ ئۇنىڭ يېنىغا
موللا زەيدىن گەپتان تاغاممۇ
سەلەي چاققان قولىدا راۋاپ
ئۇسسۇل ئويناپ ھەتتا ھىساممۇ
يىگىت بېشى بولۇپ ئەپەندىم
بەردى بىزگە ئۆمۈردىن ساۋات
غەم-ئەندىشە جاننى خورىتار
تۇزسىز تاماق - مەشرەپسىز ھايات
يىگىت بېشى ئوتتۇز ئوغۇلدىن
تىلەپ قالدى سەمىمىي تىلەك
جاننى جانغا ئۇلايلى دوستلار
ئەقىل بىلەن كۈلسۇن كېلەچەك
مەن كېچىدە شىرىن چۈش كۆردۈم
چۈشۈمدە بىر كىچىك قۇش بولدۇم
نەسىردىن ئەپەندىم كەپتۇ
ئەگىپ ئۇچۇپ قولىغا قوندۇم
جەم بولۇپتۇ ئۇنىڭ يېنىغا
موللا زەيدىن گەپتان تاغاممۇ
سەلەي چاققان قولىدا راۋاپ
ئۇسسۇل ئويناپ ھەتتا ھىساممۇ
يىگىت بېشى بولۇپ ئەپەندىم
بەردى بىزگە ئۆمۈردىن ساۋات
غەم-ئەندىشە جاننى خورىتار
تۇزسىز تاماق - مەشرەپسىز ھايات
يىگىت بېشى ئوتتۇز ئوغۇلدىن
تىلەپ قالدى سەمىمىي تىلەك
جاننى جانغا ئۇلايلى دوستلار
ئەقىل بىلەن كۈلسۇن كېلەچەك
جاننى جانغا ئۇلايلى دوستلار
ئەقىل بىلەن كۈلەيلى دوستلار
جاننى جانغا ئۇلايلى دوستلار
ئەقىل بىلەن كۈلەيلى دوستلار
『阿不都拉工作室』出品