MisTer说唱团歌曲封面
00:00
04:02
🔊

回忆里的他

专辑
回归
发行日期
2016-10-23
流派
暂无
时长
04:02
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

توغرا سېنى سۆيەتتىم

قەھرىمانىم دەپ بىلەتتىم

تۇيۇقسىزلا تاشلاپ كەتتىڭ

ئەمدى يالغۇز قالدىم

ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئىدى شۇنچىلىك چوڭقۇر

يۈرۈگۈم ساڭا چىدىمىدى ۋاز كەچكۈسى يوقتۇر

سىنى ئەسلەش شەرت ئەمەس ئەمما ئەسلەتتىغۇ يامغۇر

تىلەيمەن تەڭرىم بۇ يامغۇرنى توختىماي ياغدۇر

شۇنداق ئۇ سىنى تاشلىۋەتتى تۇيۇقسىزلا

پەرۋا قىلماي كۆز يېشىڭغا كەتتى يىراققا بەكلا

ياق ئەمدى ئۇنى ئەسلىشىڭنىڭ كىرىكى يوق ئىدى

چۈنكى ئۇ سانىلىپ كەتتى ۋاپاسىزنىڭ قاتارىدا

بىلىمەن سەن دائىم كەچتە يۈرۈشتىن قورقۇپ تۇراتتىڭ

چۈنكى قاراڭغۇ چۈشىشى بىلەنلا سەن يەنە ئۇنى ئەسلەيتتىڭ

بىرگە ماڭغان يوللارنى ئۆزۈڭ يالغۇز مېڭىۋاتاتتىڭ

ئۇشتۇمتۇت كىلىپ ئارقاڭدىن قۇچاقلىشىنى ئارزۇلايتتىڭ

توغرا بۇ پەقەتلا سىنىڭ گۈدەك ئارزۇيۇڭ ئىدى

ئۇ كەتتى ئەمدى ئارقاڭدىن ئۇشتۇمتۇتمۇ كەلمەيتى

سىرلىق كۆزۈڭگە تىكىلىپ تۇرۇپ پىشانەڭگىمۇ سۆيمەيتى

ئەمدى ۋاز كەچ بۇ ئارزۇيۇڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايتى

بىر كۈنى چەكتى ئىشىكىڭنى ناتونۇش ئاۋازدا بىرسى

ھاياجانغا سالدى سېنى تۇنۇش بولغان ئاياغ تىۋىشى

بىلىسەن بۇ كىشى ھەرگىز كۈتكىنىڭدىكىسى ئەمەستى

چۈنكى سىنىڭ جۆرەڭ ئاللىقاچان يوق بولغانتى

يۈرىكى سېزەرمۇ ئۇنىڭ يالغۇزلۇقتىكى ئازابىڭنى

كۆزلىرىنى ئەپ قاچارمۇ ياتلار بىلەن كۆرسە سىنى

بەلكىم ساڭا چاندۇرماي ئاغرىۋاتىدۇ ئىچ ـ ئىچى

بەلكىم ساڭا چاندۇرماي دېدى چوقۇم كەچۈر مېنى

توغرا سىنى سۆيەتتىم

قەھرىمانىم دەپ بىلەتتىم

تۇيۇقسىزلا تاشلاپ كەتتىڭ

ئەمدى يالغۇز قالدىم

ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئىدى شۇنچىلىك چوڭقۇر

يۈرۈگۈم ساڭا چىدىمىدى ۋاز كەچكۈسى يوقتۇر

سىنى ئەسلەش شەرت ئەمەس ئەمما ئەسلەتتىغۇ يامغۇر

تىلەيمەن تەڭرىم بۇ يامغۇرنى توختىماي ياغدۇر

ئايدىن كېچىدىكى ئاينىڭ شولىسى يول باشلىدى كونا جايغا

كەلدىڭ سەن ئەسلىمەڭلار ئەڭ كۆپ بولغان ئاشۇ جايغا

مەيىن شاماللار ئۇرۇلۇپ يۈزۈڭگە دىمەكچى بولدى ساڭا

قايتىلاندى بۇ مەنزىرە ئۇ بۇ يەردە بار دەپلا

ئېھ ئۇماق قىز ئاڭلا بەس ئەمدى ئۆزۈڭنى بەكلا ئازاپلىۋەتتىڭ

تۈگىسۇن سۆيگۈ ئۈچۈن تۆكۈلگەن ياشلار

قورقما ئىلگىرى ئۇ يوق شۇنچىلىك بەختلىك ياشىغانتىڭ

خوشال ياشىغىن ئۇنىڭغا باغلىغان ئۈمىدىلىرىڭنى تاشلا

ئېچىنىدۇ كۆرسە سىنى خەقنىڭ باغرىدا ئۇ بىر كۈنى

ئېيتىدۇ يېنىدىكى دوستىغا ئۇ ئىلگىرى مېنىڭكىتى

بارلىقىنى چىڭ سۆيگۈ دەپ بىر ماڭىلا بېغىشلىغانتى

بۇرۇن قەدرىنى بىلگەن بولسام ئۇ ھازىرمۇ مىنىڭكىتى

كەچۈرۈم سورىشىنى كۈتىۋاتىسەن ھېلىھەم چۈشۈڭدە ئۇنى كۆرىۋاتىسەن

كەچۈر جېنىم دەپ ئالدىڭغا كەلسە سەن يەنە ئۇنى كەچۈرىۋىتىسەن

ۋەدىلەرنى قايتا بىرىشىپ مەڭگۈ بىرگە ئۆتىسەن

بۇ پاجىئەلەر قايتىلانمىسۇن مەڭگۈ بەختىڭنى تىلەيمەن

توغرا سېنى سۆيەتتىم

قەھرىمانىم دەپ بىلەتتىم

تۇيۇقسىزلا تاشلاپ كەتتىڭ

ئەمدى يالغۇز قالدىم

ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئىدى شۇنچىلىك چوڭقۇر

يۈرۈگۈم ساڭا چىدىمىدى ۋاز كەچكۈسى يوقتۇر

سىنى ئەسلەش شەرت ئەمەس ئەمما ئەسلەتتىغۇ يامغۇر

تىلەيمەن تەڭرىم بۇ يامغۇرنى توختىماي ياغدۇر

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。