ozhal歌曲封面
00:00
02:48
🔊

san bar

专辑
san bar
发行日期
2025-03-26
流派
暂无
时长
02:48
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : ozhal

作曲 : ozhal

编曲 : ozhal

ئىشىق كوچاسىنىڭ رەڭدار

چىمەن رەناسىدا سەن بار

ئەقىدە باغلىدىم يار دەپ

ئۆمۈر مەناسىدا سەن بار

قاراغىڭغا چۆكەرمەن ئاھ

نىگاھىڭغا بولۇپ مەستخۇش

پەرىدەك جىلۋىلىك نازنىڭ

كۆڭۈل سەيناسىدا سەن بار

گۈزەللەرگە نەزەر سالسام

كۆرۈنمەس ھېچ بىرى سەندەك

قەلىپتە تەختىگاھىمنىڭ

لېۋەن بەرناسىدا سەن بار

قۇياشتەك كۈندۈزۈم يورۇق

كېچەمدە ئاي كەبى نۇرلۇق

تۇغۇلدۇڭمۇ قۇياش ئايدىن

شۇلار ئاراسىدا سەن بار

سېنى دەپ يازمىغان نەزمە

قىلار ئىلھامغا گال ھەرچاغ

كۆڭۈل ئىزھارى نەزمەمنىڭ

بوغۇم مىسراسىدا سەن بار

سېنىڭ ۋەسلىڭگە زار بولغان

يۈرەك باشقىغا كۆنگەيمۇ

نىدايىمغا قۇلاق سالسام

تىلىم ئىقراسىدا سەن بار

سېنىڭ ۋەسلىڭگە زار بولغان

يۈرەك باشقىغا كۆنگەيمۇ

نىدايىمغا قۇلاق سالسام

تىلىم ئىقراسىدا سەن بار

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。