
Kvtiman
作词 : GalipWulam
作曲 : GalipWulam
编曲 : GalipWulam
电吉他:Zulkar·Bahtiyar
和声:Mardan·Omar
混音:GalipWulam
母带处理:Galipwulam
چانساممۇ بۇ ھېكايەمدەك كۈلىمەن
يانساممۇ ساڭا كەلگەندە ئۆچىمەن
قالساممۇ نىشانسىز ئامان كېتىمەن
بارساممۇ سەنسىز نېمىلەرنى كۈتىمەن
كۈتىمەن كۈتىمەن
زادى نېمىلەرنى كۈتىمەن
ئۆچىمەن ئۆچىمەن
ياندۇرساڭ ھامان ئۆچىمەن
ئۆلگەن جاندا ئۈمىد بار ، ئالدىڭغۇ مېنى
كۆزۈمنى مەن ئاچتىم كۈتكەنلەرچۇ قېنى
ئالداندىم قايتا قايتا بارمىدۇ شۇ چېكى
يەنە بۇ ئېگىزدە ساقلىدىم ساقلىدىم سېنى
جاۋاب بېرەلمىدىڭ
سەن كۆنەلمىدىڭ سەن
تەقدىر شۇنچە سىنىسا
لېكىن ئۇنتالمىدىڭ سەن
داۋامى چىقمىغان ، بۇ سۆيگۈنى
سەۋدايى ئاشىقتەك ساقلىغان
گەرچە سۆيۈشۈڭ تايىنلىق بولسىمۇ
لېكىن مەن چاندۇرمىغان
سەسكەندىم تېپىشماقتەك سۆزلىرىڭدىن
سەسكەندىم مەندىن قاچقان كۆزلىرىڭدىن
سەسكەندىم كېچىپ يۈرىسەن ئۆزلىكىڭدىن
ئۇچۇرۇڭنى ساقلىغۇم يوق
بۇ ئايرىلىشنىڭ باھانىسىنى ئاڭلىغۇم يوق
شۇ تىنچ مەن ھېس قىلاي بۇ سۈكۈتكە پۈتۈلگۈم يوق
ئۇرۇلغىنىم يوق
يۈرەك تەۋرىشىم سەن بولمىساڭ توختارمۇ
ياق ، ماڭا سەندىن باشقا قول بارمۇ
سەن مېنى ئۇنتۇغاندەك يۈرەك ئۇنارمۇ
سېنى ماڭا يەنە باشقا تاللاش يولى بارمۇ
كەچۈر ، مەن بۇ قېتىم لاياقەتسىز
بۇ تەقدىر بىزگىمۇ ئادالەتسىز
كەچۈر ، مەن بۇ قېتىم لاياقەتسىز
سەن كېتىۋەر بولدى ئىز دېرەكسىز
چانساممۇ بۇ ھېكايەمدەك كۈلىمەن
يانساممۇ ساڭا كەلگەندە ئۆچىمەن
قالساممۇ نىشانسىز ئامان كېتىمەن
بارساممۇ سەنسىز نېمىلەرنى كۈتىمەن