
Maxrap Oynang麦西来甫跳起来
作词 : Rozi Lohman
作曲 : Rozi Lohman
编曲 : Rozi Lohman
يارنىڭ مەلىسى بوستانلىق گۈللەر ئېچىلغان
خۇش پۇراقلار ئىپاردەك ھەريان چېچىلغان
شايار مەشرەپ، سەنەملەر بار ھەممە يايرىغان
تازا شوخلاپ، مەشرەپتە ئېچىلىپ بىر ئويناڭ
ئوتتۇز ئوغۇل توققۇز قىز مەشرەپنى راسلاپ
شوخلاپ ئۇسۇل ئويناپتۇ مانا غۇلاچلار تاشلاپ
بىر نەپەستە بەس بەستە نەغمىنى باشلاپ
ئوڭ يانغا بىرنى، سول يانغا بىرنى تاشلىشىپ ئويناڭ
ئوسما قويغان قىز باللا ئويناڭ ئويناڭ
شوخ نەۋقىران ياش باللا مانا ئويناڭ ئويناڭ
بۇۋايلارمۇ، مۇمايلارمۇ ئويناڭ ئويناڭ
مەشرەپنىڭ شاتلىقىغا جۆر بۇلۇپ ئويناڭ
سەكىرەپ ئويناڭ سەكىرەپ
يۈگىرەپ ئويناڭ يۈگىرەپ
يۇمىلاپ ئويناڭ يۇمىلاپ
چۆگىلەپ ئويناڭ چۆگىلەپ
شوخلاپ ئويناڭ شوخلاپ
ئېچىلىپ ئويناڭ ئېچىلىپ
ئولتۇرغانلار ھەيران قالسۇن كارامەت ئويناڭ
ئوينىمىغانلار ھەۋەستە قالسۇن ئاجايىپ ئويناڭ
مۇزىكا
توي-تۆكۈنلەر ئۆتمەس ئەزەل مەشرەپسىز قايناپ
قىززىمايدۇ ئويۇنلارمۇ مەشرەپسىز ئويناپ
شوخ يىگىتلەر،گۈزەل قىزلار ئۇسۇلنى باشلاپ
تازا شوخلاپ، سەكىرەپ تاقىلاپ ئېچىلىپ بىر ئويناڭ
ئويناڭ بۈگۈن راسا ئويناڭ مانا تاڭلار ئاتقۇچە
قاس چىقىرىپ تازا مۆرىڭىزنى ئېتىپ ھاردۇق يەتكۈچە
ئويناڭ خۇشال ئاران كەلگەن پۇرسەت كەتكۈچە
ئالدىڭىزغا دەسسەپ، كەينىڭىزگە دەسسەپ ئاجايىپ ئويناڭ
ئوسما قويغان قىز باللا ئويناڭ ئويناڭ
شوخ نەۋقىران ياش باللا مانا ئويناڭ ئويناڭ
بۇۋايلارمۇ، مۇمايلارمۇ ئويناڭ ئويناڭ
مەشرەپنىڭ شاتلىقىغا جۆر بۇلۇپ ئويناڭ
سەكىرەپ ئويناڭ سەكىرەپ
يۈگىرەپ ئويناڭ يۈگىرەپ
يۇمىلاپ ئويناڭ يۇمىلاپ
چۆگىلەپ ئويناڭ چۆگىلەپ
شوخلاپ ئويناڭ شوخلاپ
ئېچىلىپ ئويناڭ ئېچىلىپ
ئولتۇرغانلار ھەيران قالسۇن كارامەت ئويناڭ
ئوينىمىغانلار ھەۋەستە قالسۇن باجىدەك ئويناڭ
مۇزىكا
سەكىرەپ ئويناڭ سەكىرەپ
يۈگىرەپ ئويناڭ يۈگىرەپ
يۇمىلاپ ئويناڭ يۇمىلاپ
چۆگىلەپ ئويناڭ چۆگىلەپ
شوخلاپ ئويناڭ شوخلاپ
ئېچىلىپ ئويناڭ ئېچىلىپ
ئولتۇرغانلار ھەيران قالسۇن كارامەت ئويناڭ
ئويناڭ بۈگۈن راسا ئويناڭ مانا تاڭلار ئاتقۇچە
قاس چىقىرىپ تازا مۆرىڭىزنى ئېتىپ ھاردۇق يەتكۈچە
ئويناڭ خۇشال ئاران كەلگەن پۇرسەت كەتكۈچە
ئالدىڭىزغا دەسسەپ، كەينىڭىزگە دەسسەپ ئاجايىپ ئويناڭ
تازا شوخلاپ، سەكىرەپ تاقىلاپ ئېچىلىپ بىر ئويناڭ
ئوڭ يانىغا بىرنى،سول يانىغا بىرنى تاشلىشىپ ئويناڭ
ئاجايىپ ئويناڭ