Bahit tilayman-祝福
作词 : 艾热提·麦麦提
作曲 : 乃比·麦麦提
بەخت تىلەيمەن
مۇزىكىسى: نەبى مەمەت
تىكىستى : غەيرەت مەمەت
: نەبى مەمەت ئاكودلاشتۇرغۇچى
ناخشىدا : ئېلشات تۇرغۇن
سىنارىست:ئېلشات تۇرغۇن
رېژىسسور: ئېلشات تۇرغۇن
بۇ دۇنيادا ئاتا ئانا ئۇلۇغ ھەممىدىنن
قەدىرلەيلى كۆيىنەيلى ئامانەت بىزگە
ئۆمرى ئۇزۇن ساغلام بولسۇن، پەرزەنت بەختىگە
.بارچە ئاتا ئانىلارغا بەخت تىلەيمەن
.ياشلانمىسۇن يېتىملارنىڭ قارا كۆزلىرى
سارغايمىسۇن ئۆچمىسۇن ، نۇرلۇق يۈزلىرى
مىھرى بىلەن شادلانسۇن،يايرىسۇن كۆڭلى،
دىلى سۈنۈق مەسۈملەرگە بەخت تىلەيمەن.
مۇزىكا
. تېپىلمايدۇ قىممەتلىكتۇر قېرىنداش دېگەن
كۆيۈنىدۇ ھەر چاغ سېنىڭ غېمىڭنى يېگەن
خار بولمايدۇ قېرىنداشنى ئەزىز دەپ بىلگەن
كۆز تەگمىسۇن قېرىنداشقا بەخت تىلەيمەن
خار،بولمايدۇ قېرىنداشنى ئەزىز دەپ بىلگەن
كۆز تەگمىسۇن قېرىنداشقا بەخت تىلەيمەن
مۇزىكا
پورەكلىسۇن مۇھەببەتنىڭ خۇشبۇي گۈللىرى
تارالسۇن كەڭ چىن سۆيگۈنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى
ساداقەتتە خۇشال ئۆتسۇن ، ھەربىر كۈنلىرى
يۈرۈۋاتقان قىز يىگىتكە بەخت تىلەيمەن
بارچە ئاۋام شادلانسۇن ،كۈلسۇن كۆڭۈللەر
يۈرەكتىن يۈرەكلەرگە سۆيگۈ تارالسۇن
.ئىناقلىق كۈيلىرىمىز كۆككە ياڭرىسۇن
.ئاق كۆڭۈل خەلقىمىزگە بەخت تىلەيمەن