ozhal歌曲封面
00:00
03:30
🔊

智慧之书/kitab

专辑
KiTabim
发行日期
2024-06-24
流派
暂无
时长
03:30
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作曲 : ozhal

كىتاپنىڭ قوينى باغ گۈلشەن

ئىپاردەك غۇنچە رەناسى

كىتاپ تەشنايى دىللارنىڭ

شاراپ بۇ ئەنتەھۇرراسى

كىتاپ ئۆتمۇش كىتاپ كەچمىش

كىتاپ تارىخى غەزىنە

كىتاپ ھىكمەتتە لىقلانغان

ئاجايىپ مەنە دۇنياسى

كىتاپ روھىڭنى پاكلايدۇ

كىتاپ ئەقلىڭنى چاقلايدۇ

كىتاپ قەدرىنى بىلگەننىڭ

ۋاپالىق دوستى ھەمراسى

ئۈگەن ئىنسان كامالەت تاپ

سائادەت تاپ پاراغەت تاپ

بىلىم ئىشقىدا كۆيگەننىڭ

كىتاپ ئۇستازى كىمياسى

نادانلىق دەمى قىلتاق بىل

بىلىمسىز روھى شالتاق بىل

كىتاپتىن تاپ ئەقىل بولغىن

زەپەر ئوغلانى بەرناسى

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。