
Atux Padisi
编曲 : Nurmammat-Keyum
ئاتۇش پەدىسى
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ
ئاككورتلاشتۇرغۇچى:نۇرمەممەت قېيۇم
مۇزىكا
ئاتۇشۇمغا باغۇنچە
چەكمەنىمدە سايە ئەتتىم
مۇزىكا
سايىسىدا ئۆزۈم ياتىپ
سەن يايرىمنى ياد ئەتتىم
مۇزىكا
تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ
يايرىم ئوينىغان باغدا
مۇزىكا
ئىچىمدە ئوتلار كۆيەدۇ
سېنى ياد ئەيلىگەن چاغدا
مۇزىكا
ئا يايرىم سەن نىگارىم سەن
ئا مەن تەشنا خۇمارىم سەن
ئاخشىمى كېچەلەردە
ئا ياندۇرغان چىراغم سەن
ئا باغۇم با يۇ باغۇم با
ئا باغىمدا ئانارىم با
ئا شۇ باغىمدا ئىشلەيدۇ
ئا مېنىڭ ئەمگەكچى يارىم با
ۋاي قىزارىپ تەن
تەنگە سىغماسمەن
ئا مەگەر كۆرسەم
ئاي جامالىڭنى بالىجان
ۋاي دادەي بالىجان
ۋاي دادەي ئۇكىجان
يار سېنىڭ ئىشقىڭدا
كۆيەدۇ بۇ جان
مۇزىكا
ئىشىكىڭگە چىقىۋاپسەن
ئاچىلغان قىزىل گۈلدەك
كېلىڭ يايرىم ئوينايلى
سۇغا سۇ قوشۇلغاندەك
ۋاي دادەي بالىجان
ۋاي دادەي ئۇكىجان
يار سېنىڭ ئىشقىڭدا
كۆيەدۇ بۇ جان