qatma ussul
دۇتتار ئالسام قولۇمغا ئوينار ئون بەش پەدىگە، ,
ئون بەش پەدىنىڭ سېھرى ، يەتتە جاھان ئەھلىگە .
دۇتتار ئالسام قولۇمغا ئوينار ئون بەش پەدىگە،,
ئون بەش پەدىنىڭ سېھرى ، يەتتە جاھان ئەھلىگە .
بىر ، ئىككى ، ئۈچ ، تۆت پەدە دۇدۇرۇم ئون بەش پەدە . ,
ئايرىلمايمىز يار بىلەن قىلغان ۋەدىمىز ۋەدە .
بىر ، ئىككىم ، ئۈچ ، تۆت پەدە دۇدۇرۇم ئون بەش پەدە
ئايرىلمايمىز يار بىلەن قىلغان ۋەدىمىز ۋەدە,
مۇز داۋانغا قارىسام خۇشبۇي پۇراق ئىدى كېلىدۇ .
بوغما كۆينەكنى كىيىپ گۈزەل جۇۋان قىز كېلىدۇ .
كەل ، جۇۋان ئالغىن جېنىمنى جېنىمغا دەرمان بۇ يۈرەك .
ئىشقىڭدا مەن ئاجىز بىمارمەن داۋاسى يوق سەندىن بۆلەك .
كەل ، جۇۋان ئالغىن جېنىمنى جېنىمغا دەرمان بۇ يۈرەك .
ئىشقىڭدا مەن ئاجىز بىمارمەن داۋاسى يوق سەندىن بۆلەك .
مەن ئۆزۈم خوتەندىن تۈنۈگۈن كەلگەن .
كەلگۈچە بىر خېنىم ماڭا باغاقنى بەرگەن .
مەن ئۆزۈم خوتەندىن تۈنۈگۈن كەلگەن .
كەلگۈچە بىر خېنىم ماڭا باغاقنى بەرگەن .
باغاقنى بەرسە ، دۇتارچى كەلسە ,
باغاقنى بەرسە ، دۇتارچى كەلسە ,
چوكانلار ئاشىق شوخلاپ چېلىپ بەرسە ,
مەن ئۆزۈم خۇمار چوكانغا جۇمۇ .
مەن ئۆزۈم خۇمار چوكانغا جۇمۇ .
بۈگۈردىن كەلگەن قوشاقچى جۇمۇ .
بۈگۈردىن كەلگەن قوشاقچى جۇمۇ .
ئۇز خېنىم ئۇز ئىكەن ، گەپلىرى ئۇز ئىكەن .
مەن كۆيگەن خېنىم شۇ قارا كۆز ئىكەن .
ئۇخلاپ قاپتىمەن ئوڭدا خېنىم كۆتەك يارىمەن تۇڭدا .
ئۇخلاپ قاپتىمەن ئوڭدا خېنىم كۆتەك يارىمەن تۇڭدا .
سىز خېنىمنىڭ دەردىدە ئومىقىم دەسمىي قالمىدى قولىدا,
ئايىغىمنى مايلاپ ئىشتىنىمنى قىرلاپ چاچلىرىمنى تاراپ .
يەر كەينىدىن ماراپ يارنىڭ ئۆيىگە بارسام
تۈنۈگۈن ئەتە كېلىپ بېقىڭ دەيدۇ ,
يارنىڭ ئۆيىگە بارسام
تۈنۈگۈن ئەتە كېلىپ بېقىڭ دەيدۇ .
جۈپتەكمىدۇق پاقلانغىلى قوناقمىدۇق ئاقلىغىلى .
قوناقمىدۇق ئاقلىغىلى .
ئاق ۋەدىمىز شۇنداقمىدى بىلمەي تۇرۇپ ئايرىلغىلى .
ۋېي ، ۋەدىمىز شۇنداقمىدى ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلغىلى .
قانداق قىلاي ، قانداق چىداي ئىشقىڭدا ، مەن راۋاپ چالاي .
ئىشقىڭدا مەن راۋاپ چالاي .
ئاچىلىپ ئوينايلى ساجىلىپ ئوينايلى .
ئاچىلىپ ئوينايلى خېنىم ساجىلىپ ئوينايلى .
ئايدا يىلدا جەم بولغاندا ، ئاچىلىق ئوينايلى .
ئايدا يىلدا جەم بولغاندا ئېچىلىپ ئوينايلى .
كاككۇك قوندى تېرەككە كۆڭۈل بەرمەڭ بىلەككە .
كاككۇك قوندى تېرەككە كۆڭۈل بەرمەڭ بىلەككە .
ئىچىمدىكى دەردىمنى ئېتەلمىدىم بۆلەككە .
ۋاي قاغىلار جان قاغىلار داۋاندىن ئاشقان قاغىلار ,
داۋاندىن ئاشقان قاغىلار .
ۋاي ، بۇ داۋان ئېگىز داۋان .
داۋان ئۈستىدە تەنھا بىر جۇۋان .
داۋان ئۈستىدە تەنھا بىر جۇۋان .
ئېچىلماي قويدۇق سا ئېچىلماي قويدۇق .
دوستۇڭ ياڭسۇڭ ئىكەن ، تاشلىشى بار قويدۇق .
دوستۇڭ ياڭسۇڭ ئىكەن ، تاشلىشى بار قويدۇق .
ئاچىلىپ ئوينايتتۇق ساجىلىپ ئوينايتتۇق .
بۈگۈنكىدەك سورۇندا ئاچىلىپ ئوينايتتۇق .
ئوينىغىلى قويمامسەن كۆڭلۈم خالىغان يەردە .
ماۋۇ ئاداشنىڭ ياڭزىسى بولسا باشقىلارنىڭ يوقمىكەن .
ئاۋۇ ئاداشنىڭ ياڭزىسى بولسا قوشاقچىنىڭ يوقمىكەن .
ئاۋۇ ئاداشنىڭ ياڭزىسى بولسا قوشاقچىنىڭ يوقمىكەن .