Hamra
作词 : GalipWulam/Sirkul
作曲 : GalipWulam/Sirkul
گويا ئايغا يۇلتۇزلار ھەمراھ
ساڭا مەن ھەمراھ
ئەتىرگۈلگە يۇپۇرماق ھەمراھ
ساڭا مەن ھەمراھ
يامغۇر ياغسا بوران ئۇ ھەمراھ
ساڭا مەن ھەمراھ
كۈلكىلەرگە يىغىپ بولۇپ ھەمراھ
ساڭا مەن ھەمراھ
يېنىڭدىن كەتمەيمەن بىر قەدەم
تۇرمۇشتا بولسىمۇ ئەلەم
مەن ئۈچۈن سەن مېنىڭ پارچە
يېقىن كەلمىسۇن بىر ئادەم
سېنى سۆيۈش مېنىڭ بەختىم
سۆيۈلۈشۈڭ سېنىڭكى تەختىڭ
سېنى سۆيۈش مېنىڭ بەختىم
تەقدىرىمگە مەندە بار قەرزىم
گويا ئايغا يۇلتۇزلار ھەمراھ
ساڭا مەن ھەمراھ
ئەتىرگۈلگە يۇپۇرماق ھەمراھ
ساڭا مەن ھەمراھ
يامغۇر ياغسا بوران ئۇ ھەمراھ
ساڭا مەن ھەمراھ
كۈلكىلەرگە يىغىپ بولۇپ ھەمراھ
ساڭا مەن ھەمراھ
تەگمىسۇن بىزگە كۆزلەر
تۇرمۇشۇم ساڭا كۆنەر
بولمىساڭ قانداق كۈلەر
سېغىنىشتا ئۆلەر
كەتكۈزمەيمەن يېنىمدىن بىر مىنۇتمۇ
ئالدامچىلىقىم ئالدىڭدا يوققۇ
كەتكۈزمەيمەن يېنىمدىن بىر مىنۇتمۇ
سەن ئۈچۈن ئۆلىدىغان ئاشىق يىگىتقۇ
گويا ئايغا يۇلتۇزلار ھەمراھ
ساڭا مەن ھەمراھ
ئەتىرگۈلگە يۇپۇرماق ھەمراھ
ساڭا مەن ھەمراھ
يامغۇر ياغسا بوران ئۇ ھەمراھ
ساڭا مەن ھەمراھ
كۈلكىلەرگە يىغىپ بولۇپ ھەمراھ
ساڭا مەن ھەمراھ