
Xayar Maxripi2022
作词 : Rozi Lohman
作曲 : Rozi Lohman
编曲 : Abdurusul Obul/Rozi Lohman
ئىككىمىز بىر مەلىدە
بىللە ئويناپ چوڭ بولغان
ئايرىلمايمىز مەڭگۈ دەپ
ۋەدىنى ئۆزەڭ قىلغان
مەن خاماندا سەن باغدا
كاككۇك سايرىغان چاغدا
كەچتە چىقىڭ مەن ساقلاي
ۋەدىلەشكەن شۇ جايدا
مۇزىكا
ئوي ئېرىقتا سۇ تولا
دۆڭ ئېرىقتا قۇم تولا
بەش موچەنلىك ئوسما ئالساڭ
سەكسەن خوتۇن خوش بولا
ئوسمىنى دەمدەك قويۇپ
قاراشلىرى باشقىچە
يىگىت تاللاپ يۈرەملا
ئوتتۇز قىرىق ياشقىچە
چوڭ يولغا قوناق يايدىم
ئويناپ كىلىپ چاچمىسىلا
دوست بولايلى ئىككىمىز
مەندىن بۇنچە قاچمىسىلا
سەرامۇ سەرا
كۆرگىلى كەلدىم
ياخشى ياماننى
بىلگىلى كەلدىم
مۇزىكا
سەينادا يېتىپ
چولپاننى كۆردۈم
ئۇخلاپ چۈشۈمدە
سەن يارنى كۆردۈم
يار دەپ مەن ئادا بولدۇم
غەمگە مۇپتىلا بولدۇم
بىر كۆرۈپ جامالىڭنى
ئاشىق بى قارا بولدۇم
مۇزىكا
شايارىمنى چۆل دەيدۇ
چۆل ئەمەس ئاۋات ئىكەن
بىزنىڭ يارنى قەن دەيدۇ
قەن ئەمەس ناۋات ئىكەن
ھەسەل ئىكەن
تەرجىمان:تۇراخان توختى
تۈگىدى