Rixta(心愿)
مەن سەپەرگە يول ئالدىم ، سەن قالدىڭ جانان,
كۆزلۈرۈمدىن تۆكۈلدى ياشلىرىم تارام-تارام,
ھېچكىم بىلمەس شۇتاپتا ،قەلبىمدىكى ھەسرەتنى,
يامان ئىكەن ئايرىلىش ، چەكمەيدىكەن دەرت-ھېجران,
سەپەر ئۇزۇن بولسىمۇ ، ئۇنۇتما يار سەن مېنى,
ئايلار يىللار ئۆتسىمۇ ، ئەسلەيمەن سېنى,
ئاقيول بولسۇن سەپىرىڭ ، چەكمە جانىم ئازاپ,
چۈشلىرىڭدە ھەركىچە ، كۆرۈپ تۇرغىن سەن مېنى,
گۇۋا بولسۇن سۆيگۈگە ،
ئاسماندىكى ئاي چولپان,
ھەمرا بولسۇن سۆيگۈگە ،
ساداقەت ھامان,
ئۈزۈلمىسۇن رىشتىمىز ،
كۆرۈشگىچە بول ھامان,
مەڭگۈ يانسۇن ئۆچمىسۇن ،
يۈرەكتە گۈلخان,
مەن سەپەرگە يول ئالدىم ،
سەن قالدىڭ جانان,
كۆزلۈرۈمدىن تۆكۈلدى ياشلىرىم تارام-تارام,
ھېچكىم بىلمەس شۇتاپتا ، قەلبىمدىكى ھەسرەتنى,
يامان ئىكەن ئايرىلىش ، چەكمەيدىكەن دەرت-ھېجران,
سەپەر ئۇزۇن بولسىمۇ ، ئۇنۇتما يار سەن مېنى,
ئايلار يىللار ئۆتسىمۇ ، ئەسلەيمەن سېنى,
ئاقيول بولسۇن سەپىرىڭ ، چەكمە جانىم ئازاپ,
چۈشلىرىڭدە ھەركىچە ، كۆرۈپ تۇرغىن سەن مېنى,
گۇۋا بولسۇن سۆيگۈگە ، ئاسماندىكى ئاي چولپان,
ھەمرا بولسۇن سۆيگۈگە ،ساداقەت ھامان,
ئۈزۈلمىسۇن رىشتىمىز ، كۆرۈشگىچە بول ھامان,
مەڭگۈ يانسۇن ئۆچمىسۇن ، يۈرەكتە گۈلخان,