
Yar Bilan Katkan Bahar
كەتتى يار كەلمەس بولۇپ
بولدى دىل زەپ ئىنتىزار
كەلدى يالغۇز نەچچە رەت
يار بىلەن كەتكەن باھار
كەتتى يار كەلمەس بولۇپ
بولدى دىل زەپ ئىنتىزار
كەلدى يالغۇز نەچچە رەت
يار بىلەن كەتكەن باھار
كۆيدى ئەقىدەم تامام
بۇ خىيانەت ئوتىدا
بولدى جانىم باغرى قان
سەرسانىلەر يۇرتىدا
كۆيدى ئەقىدەم تامان
بۇ خىيانەت ئوتىدا
بولدى جانىم باغرى قان
سەرسانىلەر يۇرتىدا
ئۇنتۇشقا ئاجىز يۈرەك
بىۋاپانىڭ دەردىنى
سۆيگۈنى قىلدى خازان
بىلمىگەنلەر قەدرىنى
ئۇنتۇشقا ئاجىز يۈرەك
بىۋاپانىڭ دەردىنى
سۆيگۈنى قىلدى خازان
بىلمىگەنلەر قەدرىنى
نە قىلاي ئۇنتۇش ئۈچۈن
ھىچبىر ئىلاج تاپمىدىم
دەرتتە كۆيدۈم كۈنۈ-تۇن
ئەسلىدىم ئۇنتالىمىدىم
نە قىلاي ئۇنتۇش ئۈچۈن
ھىچبىر ئىلاج تاپمىدىم
دەرتتە كۆيدۈم كۈنۈ-تۇن
ئەسلىدىم ئۇنتالىمىدىم
بۇ مۇھەببەت يولىدا
تاپمىدىم ياردىن ۋاپا
ئاقىۋەت بارىم بىرىپ
كۆرگىنىم بولدى جاپا
بۇ مۇھەببەت يولىدا
تاپمىدىم ياردىن ۋاپا
ئاقىۋەت بارىم بىرىپ
كۆرگىنىم بولدى جاپا
كەتتى يار كەلمەس بولۇپ
بولدى دىل زەپ ئىنتىزار
كەلدى يالغۇز نەچچە رەت
يار بىلەن كەتكەن باھار
كەتتى يار كەلمەس بولۇپ
بولدى دىل زەپ ئىنتىزار
كەلدى يالغۇز نەچچە رەت
يار بىلەن كەتكەن باھار
يار بىلەن كەتكەن باھار
يار بىلەن كەتكەن باھار