GalipWulam歌曲封面
00:00
02:34
🔊

Yoqtur

专辑
Yoqtur
发行日期
2020-11-27
流派
暂无
时长
02:34
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : GalipWulam/Roh

作曲 : GalipWulam/Roh

يوقتۇر مەندە ئارمان ، قايتا كۆرەي سېنى

سەن ئۈچۈن مەن سەرسان ، قايتا سۆيەي سېنى

ھەر كۈن كۆزۈم يۇمۇلغاندا ئويلىرىمدا سەن

يۈرەككە نەشتەر قادالغاندا يوق يېنىمدا سەن

ھەر تاڭ ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا ئالدىمدا سىمايىڭ

ئۆز تەقدىرىڭنى تاللىغاندا يوقمىدى ئايرىلماسقا ئىمكانىڭ

سەنسىز ئۆتكەن ھەر كۈن ، ھەر تۈن روھسىز تەن ئۆزۈمگە زىت

تەلىپىڭدىن كەم بولساممۇ ئۆز ئالدىمغا مەن بىر يىگىت

بولالمىدىم مەن ئاكتىپ قولۇڭ تۇتۇپ سېنى تارتىپ سۆيۈشكە

قانداق كۈچ باشلىدى سېنى مېنى تاشلاپ كېتىشكە

يوقتۇر مەندە ئارمان ، قايتا كۆرەي سېنى

سەن ئۈچۈن مەن سەرسان ، قايتا سۆيەي سېنى

ھەر نىشاندا باشلىغاندا يولۇڭنى ساڭا ھەمدەم بولۇپ يېنىڭدا

ئازاپتا مىسكىن ياش تۆككىنىڭدە ئارقىڭدا مەن بار زارلانما

خۇشاللىقتىن پەلەككە يېتەتتى گاھى كۈلكەڭ يادىمدا

كۈلكەمنى يوقاتتىڭ ئازابتا قويدۇڭ قارىماي كەتتىڭ ئارقاڭغا

سەن يوق كەلدىم كونا جايغا سېنى ئەسلەپ

كىملەرنىڭ باغرىدا خوش كۈلىۋاتىسەن سەن مېنى قەستلەپ

باسقىنىم ئېغىر قەدەم ، يۈرىكىمدە دەرمان يوق

ئۇرۇلاتتى دەم خۇش ھىدىڭ ، بىلىمەن يېنىمدا يوق

ئەسلەپ قالارسەنمۇ بىر كۈن مەندەك بىر يارنى

ئوتۇڭدا تولغۇنۇپ ئىشقىڭدا كۆيگەن يېگانە سەرساننى

كەلگۈسۈڭ خۇشال بەختىڭ ئۈچۈن ياش تۆككەن سايەڭنى

ئۆچتى ئەمدى كېتەي يىراق تاشلاپ يالغۇز خانەمنى

يوقتۇر مەندە ئارمان ، قايتا كۆرەي سېنى

سەن ئۈچۈن مەن سەرسان ، قايتا سۆيەي سېنى

يوقتۇر مەندە ئارمان ، قايتا كۆرەي سېنى

سەن ئۈچۈن مەن سەرسان ، قايتا سۆيەي سېنى

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。