
00:00
02:15
Qimanzar 伴奏
歌词
相关信息
作词 : 无
作曲 : 无
تىكىستى:مۇختەر بۇغرا
مۇزىكىسى:ئەيسابەگ مامۇت
كاۋاپ يەڭلار، كەسىلە مىھمان
سەپكەنلىرىم دورىيۇ-دەرمان
كاۋاپ يەڭلار، كەسىلە مىھمان
سەپكەنلىرىم دورىيۇ-دەرمان
كاۋابىمنىڭ گۆشىدۇر پاقلان
ئولتۇرسىلا مانا ئورۇن-جاي
دەملەپ بېرەي، دەملەپ بېرەي
دەملەپ بېرەي سىلىگە سىنچاي
※※※※※
مېنىڭ كۆڭلۈم پىيالە بولسۇن
شاگىرتلىرىم پەرۋانە بولسۇن
مېنىڭ كۆڭلۈم پىيالە بولسۇن
شاگىرتلىرىم پەرۋانە بولسۇن
رۇخسارلىرى گۈللالە بولسۇن
رۇخسارلىرى گۈللالە بولسۇن
ئۇشبۇ كەسپىم مىراس قالغان ئاتا-بوۋامدىن
ئۆرگىلىسلە كاۋاپخانامدىن
ئۆرگىلىسىلە، چۆرگىلىسىلە
ئۆرگىلىسىلە كاۋاپخانامدىن