
Kolima知道吗
作词 : Rozi Lohman
作曲 : Rozi Lohman
编曲 : Rozi Lohman
ئالما شېخى سۇنۇپتۇ
شاخلىۋەتتۇق كۆلىما
ھالى چوڭلۇق قىلغاننى
تاشلىۋەتتۇق كۆلىما
سايدا ياتقان يېكەنگە
ئوتنى ياقتىم كۆلىما
چاقاغاندا چىقمايلا
بۇ كۆڭلۈمنى بىللىما
يانداشقاننى ياراتماي
ئۆزلىرىگە قاراتماي
ئۆتەملىكىن بىلمىدىم
يالغۇزلۇقتا تەنھالىقتا بويتاقلىقتا
ۋاي كېچىچە تاڭ ئاتماي
تاۋۇزئالسام توڭ چىقىپتۇ
ما تەلەينى كۆلىما
بىز يىگىتنى يامان دەپ
تېخى بويتاق يۈلىما
يار مەممەت توي قىلىپتۇ
تويغا بادۇق كۆلىما
قاچانغىچە چوڭ سۆزلەيلا
ياشلىرى ئوتتۇز ھېلىما
مۇزىكا
ئىگىز شاخقا بوي سۇنۇپ
شاخىنى ژىردىم كۆلىما
مەن كۈيەپ سەۋدايىمەن
ئۆزلىرى غەمسىز يۈلىما
ئاق بىلەگىم ئاق ئىدى
تېڭىۋالدىم كۆلىما
دەدىڭىزدە تۆت بەشكۈن
يېتىۋالدىم كۆلىما
يانداشقاننى ياراتماي
ئۆزلىرىگە قاراتماي
ئۆتەملىكىن بىلمىدىم
يالغۇزلۇقتا تەنھالىقتا بويتاقلىقتا
ۋاي كېچىچە تاڭ ئاتماي
تەرجىمان:ئابلەت ئابدۇرېھىم
تۈگىدى