
00:00
03:32
kiynima putkini
歌词
相关信息
作词 : Muratjan Muhter
作曲 : Muratjan Muhter
قېينىما
بۇلبۇل قىلىپ سەھەرلەردە سايراتتىڭ
يوللۇرۇڭغا تەلمۈرۈتۈپ قاراتتىڭ
ئاشىق قىلىپ پىراقىڭنى تاراتتىڭ
ساڭا بولغان چىن سۆيگۈمنى ياراتتىڭ
ئاشىق قىلىپ پىراقىڭنى تاراتتىڭ
ساڭا بولغان چىن سۆيگۈمنى ياراتتىڭ
مۇزىكا
رەنجىمىگىن ساڭا قىلغان سۆزۈمدىن
قاچۇرمىغىن سەن كۆزۈڭنى كۆزۈمدىن
بىلىۋالدىم شۇ سۆيگۈڭنى يۈزۈڭدىن
ئىشەنمىسەڭ سوراپ باققىن ئۆزۈڭدىن
بىلىۋالدىم شۇ سۆيگۈڭنى يۈزۈڭدىن
ئىشەنمىسەڭ سوراپ باققىن ئۆزۈڭدىن
مۇزىكا
ناخشا ئېيتسام قۇلاق سېلىپ ئاڭلايسەن
ئۇچراشقاندا سەن قايرىلىپ قارايسەن
باراي دەيمەن يا يېنىمغا كەلمەيسەن
نىچۈن جانان مىنى بۇنچە قېينايسەن
باراي دەيمەن يېنىمغا يا كەلمەيسەن
نىچۈن جانان مىنى بۇنچە قېينايسەن
نىچۈن جانان مىنى بۇنچە قېينايسەن