Ablajan Awut Ayup歌曲封面
00:00
02:59
🔊

Xizmet naxshisi - Ablajan Awut Ayup

专辑
Xizmet naxshisi
发行日期
2016-09-19
流派
暂无
时长
02:59
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : Ablajan Awut Ayup

作曲 : Ablajan Awut Ayup

بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ

كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ

جاپا چەكسەكمۇ كۈنكۈنلەپ

يۈرەيلى كۆڭۈلنى بەزلەپ

ھارماستىن تىرىشىپ ئىشلەپ

كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ

غەملەرمۇ كېتىدۇ تۈگەپ

قالارمىز شۇچاغدا ئەسلەپ

تۇرمۇشۇمدا ھەر كۈنى يېزىلار بىر ھېكايە

ھېكايىدە مەن گاھ خۇشال گاھى بەك بىچارە

ئويلايمەن ئۆز-ئۆزۈمگە بولاي دەپ بەگزادە

لېكىن تەقدىر كاچاتلايدۇ بەرمەستىن ئىمكانە

گاھى كۈلكە گاھ يىغا

قايناپ تۇرار ئىشخانا

رىقابەتچى ئاكا ئىنى دوس-بۇرادەر ئۆز ئارا

كۈتۈپ تۇرسىمۇ جاپا

تىرىشىمىز يەنىلا

يەتكىلى بولماس جانانغا جاننى قىلماستىن پىدا

بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ

كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ

جاپا چەكسەكمۇ كۈنكۈنلەپ

يۈرەيلى كۆڭۈلنى بەزلەپ

ھارماستىن تىرىشىپ ئىشلەپ

كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ

غەملەرمۇ كېتىدۇ تۈگەپ

قالارمىز شۇچاغدا ئەسلەپ

Music...

ئارزۇلار بەكمۇتولا كۆيدۈرەر پىراقتا

لېكىن ئەپسۇس مەنزىللىرىم مېنىڭدىن يىراقتا

شۇكېچىلەردە چۆكىمەن شىرىن خام خىيالغا

ئەتىسى ئۇيقىدا مەن قالار ئارمان بىر ياقتا

گاھى دوستۇم پالاكەت

گاھى ساناقسىز ئامەت

ئۇشبۇ تۇرمۇشنىڭ چاقچىقىغا چېچىلىش بىھاجەت

دەرتلەر قىلماي زىيارەت

بولماس تىلەك ئىجاۋەت

سەۋىر بىلەن ئەجىر قىلىپ كۆرىمىز ھالاۋەت

بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ

كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ

جاپا چەكسەكمۇ كۈنكۈنلەپ

يۈرەيلى كۆڭۈلنى بەزلەپ

ھارماستىن تىرىشىپ ئىشلەپ

كېتەيلى كۈنسېرى كۆكلەپ

غەملەرمۇ كېتىدۇ تۈگەپ

قالارمىز شۇچاغدا ئەسلەپ

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。