00:00
00:00
Taklimak deki qux
歌词
相关信息
作词 : Muhtar Bughra
作曲 : Akram Hijak
编曲 : Akram Hijak
شېرىن چۈش كۆردۈم تەكلىماكاندا
پەيدا بولۇپتۇ بىر غايىپ ئانا
كەڭرى ئالەمگە تاراپ كەتكۈدەك
ئۇنىڭ ئاۋازى ئالتۇن كولدۇرما
ئۇ دېدى كەلمەس ئۆمۈر كارۋىنى
قايتىپ كېلىدۇ لېكىن كارۋانلار
قۇملۇق ئۈستىدە قالمايدۇ ئىزلار
قۇمنىڭ ئاستىدىن پارلار ئارمانلار
ئۈمىد بېغىشلار سەھەر قۇياشى
شولىسى چۈشەر ياۋا چېچەك كە
قۇچاقلاپ ياتار يۇلغۇن زېمىننى
توغراقنىڭ سۈيى داۋا يۈرەككە