
Mahliya (眷恋)
作曲 : Kamil Jelil
编曲 : Nurshat Dilshat
乐器:Elham Anwar
بىر قاراپلا يەرگە باقىسەن
سەۋەبىنى بىلەلمەي قالدىم
چۈشۈمدىمۇ مەندىن قاچىسەن
سورىيالماي ھەسرەتتە ياندىم
چۈشۈمدىمۇ مەندىن قاچىسەن
سورىيالماي ھەسرەتتە ياندىم
مەھلىيا، ئەي گۈزەل مەھلىيا
سېنى دەپلا يورۇيدۇ دۇنيا
ئامراق ساڭا مەنلا ئەمەس
بېغىمدىكى ھەتتا گۈل ـ گىياھ
music
باھاردىكى سۆيگۈ گۈلىگە
سەن ياققاندەك ئوتمۇ ياقمىدىم
قاچان چالاي ۋىسال كۈيىگە
كۆزلىرىڭدىن سوراپ باقمىدىم
مەھلىيا، ئەي گۈزەل مەھلىيا
سېنى دەپلا يورۇيدۇ دۇنيا
ئامراق ساڭا مەنلا ئەمەس
بېغىمدىكى ھەتتا گۈل ـ گىياھ
Music
سېنى سۆيدۈم باشقىنى ئەمەس
كۆزلىرىمنىڭ نۇرى مەھلىيا
سۆيگۈ ئۇلۇغ، سۆيگۈ مۇقەددەس
ھاياتىمدا بىر سەن تۇتىيا
سۆيگۈ ئۇلۇغ، سۆيگۈ مۇقەددەس
ھاياتىمدا بىر سەن تۇتىيا
مەھلىيا، ئەي گۈزەل مەھلىيا
سېنى دەپلا يورۇيدۇ دۇنيا
ئامراق ساڭا مەنلا ئەمەس
بېغىمدىكى ھەتتا گۈل ـ گىياھ
بېغىمدىكى ھەتتا گۈل گىياھ