00:00
03:50
Oglum 儿子
歌词
相关信息
作词 : Omarjan-Alim/ParhatJan TuRdi
作曲 : Omarjan-Alim
编曲 : Omarjan-Alim
ئوغلۇم
سۆزى/مۇزىكىسى: كەنجىۋاينىڭ
ناخشىدا:ئۆمەرجان ئالىم
مەزمۇن يوللىغۇچى:پەرھاتجان تۇردى
سۆيۈپ قانماي سېنى ئوغلۇم.
كۆزۈمنىڭ قارىسى دەيمەن.
يېقىپ مەڭزىڭنى مەڭزىمگە.
بېغىمنىڭ ئالمىسى دەيمەن.
پۇتۇڭغا گەرچە تىكەن كىرىسە.
ئالاي كىرپىكلىرىم بىلەن.
سېنى بېغىمدا بىخ سۈرگەن.
كۆڭۈلنىڭ شادلىقى دەيمەن.
ئالار بولسام، قولۇمغا ساز.
ناۋا، ئەيلەي، كۈمۈش تارى.
سېنىڭ چۈچۈك ئاۋازىڭنى.
يۈرەكنىڭ تارىسى دەيمەن.
ۋەتەن بوستانلىرى خۇشتار.
چىۋەر باغۋەنلەرگە ھەر دائىم.
ۋەتەنگە كۈچ قوشار بولساڭ.
ئاتاڭنىڭ ۋارىسى دەيمەن.
歌词滚动人:Parhatjan Turdi