00:00
03:22
Esit
歌词
相关信息
作词 : Nureli Turgun
作曲 : Carry
演唱者:Ghulamjan Yakup
ۋەدە بەرسەڭ ئىشىنىپ يۈرگەنگە ئىسىت
بارىم ئاتاپ چىن دىلدىن سۆيگەنگە ئىسىت
ئالدىمايدۇ مېنى دەپ شەرتىڭگە كۆنۈپ
سېنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن كەچكەنگە ئىسىت
ئالدىمايدۇ مېنى دەپ شەرتىڭگە كۆنۈپ
سېنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن كەچكەنگە ئىسىت
يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتسەم ساداقەت
غازاڭ بولدى ئېچىلماي سۆيگۈ مۇھەببەت
شۇنچە باقسام رايىڭغا قىلدىڭ خىيانەت
ۋاپاسىزغا ئالدىنىپ يۈرگەنگە ئىسىت
شۇنچە باقسام رايىڭغا قىلدىڭ خىيانەت
ۋاپاسىزغا ئالدىنىپ يۈرگەنگە ئىسىت
سالغۇم يوقتى ئالدىشىڭنى ئەمدى يۈزۈڭگە
بىلىپ تۇرۇپ ئۆتەلمەسمەن قاراپ كۆزۈڭگە
نېمە دەيمەن بىۋاپا قىلدىڭ ئۆزۈڭگە
سېنىڭ ئۈچۈن بارىمدىن كەچكەنگە ئىسىت
نېمە دەيمەن بىۋاپا قىلدىڭ ئۆزۈڭگە
سېنىڭ ئۈچۈن بارىمدىن كەچكەنگە ئىسىت
سېنىڭ ئۈچۈن بارىمدىن كەچكەنگە ئىسىت
كەچكەنگە ئىسىت