Ablajan Awut Ayup歌曲封面
00:00
04:43
🔊

U minig atam

专辑
Bashlamduq / Shall We Start
发行日期
2011-07-10
流派
暂无
时长
04:43
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : Ablajan Awut Ayup

ئۇ مېنىڭ ئاتام

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

تېكىست ئىشلىگۈچى: ئابباس

كۆڭلۈڭ كەڭرى دېڭىز دەي دىسەم

دېڭىز كىچىك ئۇنىڭ چېكى بار

ئىللىق باغرىڭ بىر گۈلخان دېسەم

مېھرىڭدەك ئۆچمەس گۈلخان نەدە بار

بەردىڭسەن ئايىماستىن

تۈگىمەس مېھرى-مۇھەببىتىڭنى

ئاتاپ ئۆمرۈڭ ۋە بارلىقىڭ

پەقەت ئۆزۈڭ ئويلىماستىن

ئارزۇلاپ زېرىكمەستىن

ئۆگەتتىڭ ماڭا ئەر بولماقنى

توختىماي كۆرەش قىلماقنى

يېڭىلمەي تىز پۈكمەستىن

ئۆمۈر بويى بوستان ئاچقان

ھارماي مەغرۇر داۋانلار ئاشقان

يۈز-قولىنى قورۇق داغلار باسقان

ئۇ مېنىڭ ئاتام

قولىدىن دائىم چۈشمەي كەتمەن

پەرزەنت ئىشقىدا بولغان دەرتمەن

يولى دۇرۇس كۆڭلى پاك ئىخلاسمەن

ئۇ مېنىڭ ئاتام

جان ئاتا كۆڭلۈڭ توق تۇرسۇن

ئوغلۇڭ داۋام قىلسۇن يولۇڭنى

ساڭا مەڭگۈ بەخت يار بولسۇن

قۇتلىرىدەك كۈلدۈرەي سېنى

مەردانە سىياقىڭدىن

كۆيۈمچان چىرايىڭدىن

ھېس قىلىمەن زادى نېمە

ھەقىقىي سۆيگۈ دېگەن

جاپالىق كەچمىشىڭدىن

ئېگىز-پەس ئۆتمۈشۈڭدىن

تاپىمەن شۇنداق جاۋاپ

مانا بۇ ھايات دېگەن

ئۆمۈر بويى بوستان ئاچقان

ھارماي مەغرۇر داۋانلار ئاشقان

يۈز-قولىنى قورۇق داغلار باسقان

ئۇ مېنىڭ ئاتام

قولىدىن دائىم چۈشمەي كەتمەن

پەرزەنت ئىشقىدا بولغان دەرتمەن

يولى دۇرۇس كۆڭلى پاك ئىخلاسمەن

ئۇ مېنىڭ ئاتام

(ئۇ مېنىڭ ئاتام)

ئۇ مېنىڭ ئاتام

(ئۇ مېنىڭ ئاتام)

ئۇ مېنىڭ ئاتام

(ئۇ مېنىڭ ئاتام)

ساڭا نەچچە نۆۋە تەشەككۈر ئاتا

بەخت يار بولسۇن ساڭا

(ئۇ مېنىڭ ئاتام)

مېنى بىر يىگىت قىلغان

(ئۇ مېنىڭ ئاتام)

باغرى ئاتەشكە تولغان

(ئۇ مېنىڭ ئاتام)

ماڭا ئۆمۈر بويى ئاتاپ بەختىنى

ۋە تەختىنى

ئۆزى كۆيۈپ كۈل بولغان

ئۆمۈر بويى بوستان ئاچقان)

ھارماي مەغرۇر داۋانلار ئاشقان

يۈز-قولىنى قورۇق داغلار باسقان

(ئۇ مېنىڭ ئاتام

ئۇ مېنىڭ ئاتام

قولىدىن دائىم چۈشمەي كەتمەن)

پەرزەنت ئىشقىدا بولغان دەرتمەن

يولى دۇرۇس كۆڭلى پاك ئىخلاسمەن

(ئۇ مېنىڭ ئاتام

ئۇ مېنىڭ

ئۇ مېنىڭ ئاتام

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。