Bilal Enwer歌曲封面
00:00
04:18
🔊

Sen Yok Sheher

专辑
Sen Yok Sheher
发行日期
2022-03-11
流派
暂无
时长
04:18
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : Eskender-Uxxak/GULSAY

作曲 : Bilal Enwer

编曲 : Rbert-

سەن يوق شەھەر

يىگانە يولدا سەن يوق شەھەردە

تېرەكلەر ئۈستۈمگە غازاڭ تۆكمەكتە

كۈز كەبى سارغايغان بۇ غەمكىن يۈرەك

بىر سېنى كۈتمەكتە، زار-زار كۈتمەكتە

سەن يوق شەھەر، سەن يوق شەھەر

بۇ شەھەر ئەسلىمە سەن يوق شەھەر

سەن يوق شەھەر، سەن يوق شەھەر

مەن يالغۇز ياشايمەن سەن يوق شەھەردە

چاماداننى سۆرەپ چىقىپ كەتتىم دىدىڭ

گەپ قىلمىدىم ئەتراپلا تىنچ

بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇردۇم سەن كىتىپلا ئېغىر ئۇفسىنىش

باققان مۈشىكىمىز ئىشىككە قاراپ مىياڭلاپ قويسا

مەن دىدىم مەن يۈرىكىدە باركەن سېغىنىش

مەن يەنە مەن يەنە مەن يەنە مەن

يات شەھەردە ئازاپلارغا تاشلاپ قويغىنى

مەن يەنە مەن يەنە مەن يەنە مەن

چىداپ تۇرۇپ كۆزلىرىڭنى ياشلاپ قويغىنى

ئاي بىلەن مۇڭداشتىم قولۇمدا قەدەھ

بىر ئازاپ كۆيدۈرەر يۈرەكنى تەكرار

دەردىمنى ئاڭلىماس ئۆزۈمدىن باشقا

سۆيگۈڭدىن بوينۇمغا ياساپ كەتتىڭ دار

سەن يوق شەھەر، سەن يوق شەھەر

بۇ شەھەر ئەسلىمە سەن يوق شەھەر

سەن يوق شەھەر، سەن يوق شەھەر

مەن يالغۇز ياشايمەن سەن يوق شەھەردە

تۇرمۇشۇمنىڭ قىيىن چىغىدا باتتىڭ بىلسەڭ

كىتىپ قالدىڭ ئەمدى كۈنلەر يولغا چۈشكەندە

تەسەللىنى بىرىپ قويۇپ ئۆز-ئۆزەمگە

ئۆز-ئۆزەمگە سۆيگۈ دىگەن شۇنداق ئىشكەندە

نەچچە رەت ئىزدەي دىدىم، قورقاتتىم مەن

تىگىدىغاندەك تويلۇق باغىقىڭ

بىر قولۇمدا قەدەك ھازىر

بىر قولۇمدا سىنىڭ ئاشۇ ئۇنتۇلۇپ قالغان بىر تال تاغىقىڭ

دەرىزىنىڭ تەكچىسىدە مۈشۈك ئۇخلاپ

خىيال قىلىمەن يامغۇر چۈشكەندە

پۇراپ ئۇخلاپ كۆينىكىڭنى ھەممە يەردە

ھەممە يەردە چىراق ئۆچكەندە

بۇ شەھەر ئەسلىمە، كۆز ياش بىلەن تەڭ

قالدۇرۇپ كەتمەكتە يۈرەكتە يارا

ئايرىلدۇق، ئايرىلىش غۇۋا بىر چۈشتەك

مەن يالغۇز ياشايمەن ئادەملەر ئارا

سەن يوق شەھەر، سەن يوق شەھەر

بۇ شەھەر ئەسلىمە سەن يوق شەھەر

سەن يوق شەھەر، سەن يوق شەھەر

مەن يالغۇز ياشايمەن سەن يوق شەھەردە

مەن يالغۇز ياشايمەن سەن يوق شەھەردە

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。