艾尔肯-Erkin Abdulla歌曲封面
00:00
05:10
🔊

没有

专辑
发行日期
2021-08-18
流派
暂无
时长
05:10
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : 阿布都卡德尔.加拉里丁

作曲 : 艾尔肯-Erkin Abdulla

编曲 : 艾尔肯-Erkin Abdulla

يوق

تېكستى: ئابدۇقادىر جالالىدىن

مۇزىكىسى: ئەركىن ئابدۇللا

ئاكورتلاشتۇرغۇچى: ئەركىن ئابدۇللا

بىر مۇھەببەت ئىچىمدە

دەردى بار، ئىزھارى يوق

خۇددى تاشلاندۇق دۇتارمەن

پەدىسى بار، تارى يوق

دوستلىرىم جىق داستىخاندا، رېستۇراندا بەزمىدە

پەم ئېتىپ ھالىمغا چىندىن يەتكۈدەك ھوشيارى يوق

مەن كۆڭۈل ئىستەپ چاپارمەن ھەر تەرەپكە ھەر كۈنى

توپ ئارا بىگانىمەن، ئەھلى بازارنىڭ كارى يوق

يار ماڭا مەيلىنى بەردى، ئۆزى ياتنىڭ قوينىدا

ئىستىگەندە يارى يوق

بولدى ماڭا ئۇ بار-يوق

بولدى ئاشىققا باياۋان دەخلىسى يوق بىر ماكان

كۆك تىكەندىن شىرنە ئالدىم، چاھارباغقا چارە يوق

بولدى ئاشىققا باياۋان دەخلىسى يوق بىر ماكان

كۆك تىكەندىن شىرنە ئالدىم، چاھارباغقا چارە يوق

قاغىدىن قالغان غىزا سالدى نىزا

ئوۋدىن تېپىپ يەي دەيدىغان شۇڭقارى يوق

گۈلگە ئاشىقسەن، گۈلۈڭنى ئۈزدى كىم

سۇلغۇن گۈلنىڭ ھۆسنى باردۇر، خارى يوق

بىر مۇھەببەت ئىچىمدە

دەردى بار، ئىزھارى يوق

خۇددى تاشلاندۇق دۇتارمەن

پەدىسى بار، تارى يوق

دوستلىرىم جىق داستىخاندا، رېستۇراندا بەزمىدە

پەم ئېتىپ ھالىمغا چىندىن يەتكۈدەك ھوشيارى يوق

مەن كۆڭۈل ئىستەپ چاپارمەن ھەر تەرەپكە ھەر كۈنى

توپ ئارا بىگانىمەن ئەھلى بازارنىڭ كارى يوق

يار ماڭا مەيلىنى بەردى، ئۆزى ياتنىڭ قوينىدا

ئىستىگەندە يارى يوق

بولدى ماڭا ئۇ بار-يوق

بولدى ئاشىققا باياۋان دەخلىسى يوق بىر ماكان

كۆك تىكەندىن شىرنە ئالدىم، چاھارباغقا چارە يوق

بولدى ئاشىققا باياۋان دەخلىسى يوق بىر ماكان

كۆك تىكەندىن شىرنە ئالدىم، چاھارباغقا چارە يوق

قاغىدىن قالغان غىزا سالدى نىزا

ئوۋدىن تېپىپ يەي دەيدىغان شۇڭقارى يوق

گۈلگە ئاشىقسەن، گۈلۈڭنى ئۈزدى كىم

سولغۇن گۈلنىڭ ھۆسنى باردۇر، خارى يوق

سولغۇن گۈلنىڭ ھۆسنى باردۇر، خارى يوق

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。