
Gulbag Qatma
ئايدىن چىريلىق ئوينايلى ھەي دوسلا
كۈندىن چىرايلىق كۈلەيلى جان دوسلا
ئايدىن چىريلىق ئوينايلى ھەي دوسلا
كۈندىن چىرايلىق كۈلەيلى جان دوسلا
باغدا ئىچىلىغان ئوينايلى ھەي دوسلا
گۈلدىن چىرايلىق كۈلەيلى جان دوسلا
باغدا ئىچىلىغان ئوينايلى ھەي دوسلا
گۈلدىن چىرايلىق كۈلەيلى جان دوسلار
شاتلانسۇن كۈلسۇن ئوينايلى ھەي دوسلا
مىسكىن كۆڭۈللەر كۈلەيلى جان دوستلار
شاتلانسۇن كۈلسۇن ئوينايلى ھەي دوسلا
مىسكىن كۆڭۈللەر كۈلەيلى جان دوستلار
نورۇز ئايەمدە ئوينايلى ھەي دوستلار
تويدا مەشرەپتە كۈلەيلى جان دوستلار
ئوينايلى كۈلەيلى يايرايلى دوستلار
بۇلبۇلدەك ناۋا ئەيلەپ سايرايلى دوستلار
گۈلبارەي گۈلبا باغدا قىزىل گۈل با
گۈلبارەي گۈلبا باغدا قىزىل گۈل با
ئاشۇ بىغىمدا ئوينايدىغان زىلۋا بويلۇق قىز با
ئاشۇ بىغىمدا ئوينايدىغان غۇنچە بويلۇق قىز با
ئۇندا بولايمىكىن بۇندا بولاي مىكىن
ئۇندا بولايمىكىن بۇندا بولاي مىكىن
يارنى ئۆيدە يالغۇز دەيدۇ ھەمرا بولايمىكىن
يارنى ئۆيدە يالغۇز دەيدۇ ھەمرا بولايمىكىن
گۈللە تىردىم تۈزگە ئاچىلدۇ كەچ كۈزگە
گۈللە تىردىم تۈزگە ئاچىلدۇ كەچ كۈزگە
سىزنىڭ كۆزىڭىز بىزدە بولسا بىزنىڭ كۆزىمىز سىزدە
سىزنىڭ كۆزىڭىز بىزدە بولسا بىزنىڭ كۆزىمىز سىزدە
ئۇندا بولايمىكىن بۇندا بولايمىكىن
ئۇندا بولايمىكىن بۇندا بولايمىكىن
يارنى ئۆيدە يالغۇز دەيدۇ ھەمرابولايمىكىن
يارنى ئۆيدە يالغۇز دەيدۇ ھەمرابولايمىكىن
كىلىڭلا دوسلا ئوينايلى ھىچكىم چەتتە قالماسۇن
كىلىڭلا دوسلا ئوينايلى ھىچكىم چەتتە قالماسۇن
كىمنىڭ مەيلى كىمگە بولسا شۇنىڭ بىلەن ئويناسۇن
كىمنىڭ مەيلى كىمگە بولسا شۇنىڭ بىلەن ئويناسۇن
ئويانىگە تاشلاپ ئويناسۇن بۇيانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
ئويانىگە تاشلاپ ئويناسۇن بۇيانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
ساچىگە ئاسقان لىنتىسنى يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
ساچىگە ئاسقان لىنتىسنى يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
يا ئويانمۇ ئۆتەشىم با يا بۇيانمۇ ئۆتەشىم با
يا ئويانمۇ ئۆتەشىم با يا بۇيانمۇ ئۆتەشىم با
سەن قارىمىساڭ يارىم ئالىمدەك ئاداشىم بار
سەن قارىمىساڭ يارىم قورغۇيدەك ئاداشىم با
ئويانىگە تاشلاپ ئويناسۇن بۇيانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
ئويانىگە تاشلاپ ئويناسۇن بۇيانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
ساچىگە ئاسقان لىنتىسنى ئۇيانىغا تاشلاپ ئوينىسۇن
ساچىگە ئاسقان لىنتىسنى ئۇيانىغا تاشلاپ ئوينىسۇن
ئوڭ يېنىغا تاشلاپ ئويناتسۇن