
00:00
00:00
Yanda Yayrim Yok身边没爱人
歌词
相关信息
作词 : AnwarTurak
作曲 : AnwarTurak
编曲 : Osmanjan-BaraT
يۈرىكىمگە تەگدىغۇ بىر ئوت
بىلەلمەيمەن دىلكانىم سۇنۇق
يۈرەك يىغلار ۋۇجۇدۇم سوغۇق
قەدىردانىم ياندا يايرىم يوق
يۈرەك يىغلار ۋۇجۇدۇم سوغۇق
قەدىردانىم ياندا يايرىم يوق
قۇرىمايدۇ كۆزلىرىمدە ياش
ئاسمىنىمدىن ئۆچتى بىر قۇياش
ئەمدى ئەجەب تەس كەلدى ياشاش
غەمگۇزارىم ياندا يايرىم يوق
ەمدى ئەجەب تەس كەلدى ياشاش
غەمگۇزارىم ياندا يايرىم يوق
مېنى ئەجەب كەتتىڭىز تاشلاپ
كۆزلىرىمنى قان كەبى ياشلاپ
سۆيەي دېسەم ، مەن بىر باخاشلاپ
مېھرىبانىم ، ياندا يايرىم يوق
سۆيەي دېسەم ، مەن بىر باخاشلاپ
مېھرىبانىم ، ياندا يايرىم يوق
ئۆچمەس مەڭگۈ سالغان ئوتىڭىز
ئۇنتۇلمايدۇ قىلغان سۆزىڭىز
دىلدىن ئۆچمەس بىزنىڭ ۋەدىمىز
دىلدا بارىم ياندا يايرىم يوق
دىلدىن ئۆچمەس بىزنىڭ ۋەدىمىز
دىلدا بارىم ياندا يايرىم يوق
دىلدا بارىم ياندا يايرىم يوق