
Toy boldi
作词 : AbduwaliTohti
作曲 : AbduwaliTohti
编曲 : AbduwaliTohti
توي بولدى
سۆزى :ئاينۇر ئوسمان
مۇزىكىسى ،ئاكورتلاشتۇرغۇچى
ئۈنۈملىگۈچى . ئابدۇۋەلى توختى .
ۋىسال تاپقان ئاشىقلار،
مۇھەببەت بېغىدا يۈردى
بەختى كىلىپ جۈپلەرنىڭ،
چوڭلارمۇ ھەم خوپ كۆردى.
خوشاللىققا تەڭ جۆر بولۇپ،
ئاۋام بىلەن ئۆي تولدى.
ناغرا سۇنايلا سازلىنىپ،
مەلى كويلا جانلاندى.
قىز ئاياللار ئۇز تارىنىپ،
شايى يىپەك ئارتىشىپ.
تاۋار دۇردۇن بەك يارىشىپ،
تەنتەنىلىك توي بولدى.
قىز يىگىتكە زەپ ياراشقان،
ئەل خالايىق جەم بولغان.
مۇھەببەتلىك بىر توي بولدى،
دەستۇرخىنى كەڭ بولغان.
ساما سالغان ھاياجاندا،
ئاجايىپ بىر توي بولدى.
قايتارما:
توي بولدى يەي توي بولدى،
بىر جۈپلەرنىڭ توي بولدى.
گۈل ـ گۈلىگە ياراشقان،
ئەجەپ گۈزەل توي بولدى.
توي بولدى يەي توي بولدى،
بىر جۈپلەرنىڭ توي بولدى.
ئاۋام بىلەن بىر كەلگەن،
بەك قىززىغان توي بولدى.
ئالامەت بىر توي بولدى