
00:00
00:00
Duttarim
歌词
相关信息
دۇتتارىمما دۇتتارىم
دۇتتارىمدا زىلتارىم
ئاخشام ئىچكەن سىنچاينىڭ
ئەمدى تۇتتى خۇمارى
ئۇنداق دىمىسلە يارىم
بۇنداق دىمىسىلە يارىم
ئاخشام قىلغان گەپلەرنى
كىشگە دىمىسلە يارىم
قوش ئېرىقتىن سۇ كەلدى
كەڭ ئېتىزغا باشلايمۇ
كونا ياردىن خەت كەلدى
يىڭى يارنى تاشلايمۇ
قىزىل گۈل ئېچىلمامدۇ
شاخ شاخىگە يەتكەندە
قەدرىمىز ئۆتۈلمەمدۇ
بىز بۇيەردىن كەتكەندە