00:00
00:00
Aylinay
歌词
相关信息
مەن سېنى سۆيدۈم دېسەم،
كۆيگەنلىرىڭدىن ئايلىناي.
يا كەلمەيسەن،يا كەچمەيسەن،
دەرتكە سالدىڭ بىر تالاي.
بۇجاھان ئۇزۇن جاھان،
ئۆتىلەر قەدرىم ھامان.
ئايرىلىش يامان ئەمەس،
ھەممىدىن كۆنگەن يامان.
مەنمۇ كۆندۈم بۇھاياتنىڭ،
بەرگەنلىرىگە شوخ كۈلۈپ.
بەختىمنى باغ قىلارمەن
شەرىڭدەمەن گۈلدەك يۈرۈپ.
چاچلىرىنىڭ تالىنى،
مۇھەببەتنىڭ تارىنى،
خار قىلمىسۇن ھەر كېشى
دىلدىن سۆيگەن يارىنى.