Bilip Kal
编曲 : Yusup Sahra
制作人 : payzulla
作词 : Yakupjan-Yasin
作曲 : Reyimjan-Abdukeyum
بىلپ قــــال
يۈسۈپ سەھـــراھ
ئازار بەردىڭ دىلىمغا
سېغىنمايمەن بىلىپ قال
پىراقىڭدا ئۆلسەممۇ
يېلىنمايمەن بىلىپ قال
كىتەر بولساڭ كىتىۋەر
يار بەختىڭنى تىپىۋەر
كەتمىگىن دەپ قولۇڭغا
ئېسىلمايمەن بىلىپ قال
كىتەر بولساڭ كىتىۋەر
يار بەختىڭنى تىپىۋەر
كەتمىگىن دەپ قولۇڭغا
ئېسىلمايمەن بىلىپ قال
♬♬♬
تەلمۈرى شوخ كۆزۈڭگە
قىلىپ قويدۇڭ ئۆزۈڭگە
ئەمدى يالغان سۆزۈڭگە
ئىشەنمەيمەن بىلىپ قال
ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن
ئۆتۈپ كىتەر بۇ كۈنمۇ
ئېچىنمايمەن بىلىپ قال
ئەمدى سېنى سۆيمەيمەن
ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن
ئۆتۈپ كىتەر بۇ كۈنمۇ
ئېچىنمايمەن بىلىپ قال
♬♬♬
ياشاپ باققىن مەنسىزمۇ
ياشاپ باقاي غەمسىزمۇ
بەختىم كىلەر سەنسىزمۇ
يېغلىمايمەن بىلىپ قال
ياشاپ باققىن مەنسىزمۇ
ياشاپ باقاي غەمسىزمۇ
بەختىم كىلەر سەنسىزمۇ
يېغلىمايمەن بىلىپ قال
رەنجىمىگىن مىنىڭدىن
كىتەر بولدۇم يېنىڭدىن
يۈرۈگۈمدىن سۆيسەممۇ
كەچۈرمەيمەن بىلىپ قال
رەنجىمىگىن مىنىڭدىن
كىتەر بولدۇم يېنىڭدىن
يۈرۈگۈمدىن سۆيسەممۇ
كەچۈرمەيمەن بىلىپ قال
يۈرۈگۈمدىن سۆيسەممۇ
كەچۈرمەيمەن بىلىپ قال
كەچۈرمەيمەن بىلىپ قال