Tagh Suliri
ئېگىز-ئېگىز تاغلار بويلاپ، ئاققان شوخ سۇلار
ساڭا باقسام يالقۇنلايدۇ دىلدا ئارزۇلار
قۇلاق سالغىن ساڭا ئېيتاي
قۇلاق سالغىن ساڭا ئېيتاي
گەپلىرىم تولا
ئەي، گەپلىرىم تولا
قۇلاق سالغىن ساڭا ئېيتاي
قۇلاق سالغىن ساڭا ئېيتاي
گەپلىرىم تولا
ئەي، گەپلىرىم تولا
ياشلىق چاغدا ھويلارىڭدا يارىم ئىككىمىز
گۈللەر تېرىپ دوست بولۇشقان يېنىپ ئىشقىمىز
سېنىڭ بىلەن چىڭ باغلانغان
سېنىڭ بىلەن چىڭ باغلانغان سۆيگۈ رىشتىمىز
ئەي، سۆيگۈ رىشتىمىز
سېنىڭ بىلەن چىڭ باغلانغان
سېنىڭ بىلەن چىڭ باغلانغان سۆيگۈ رىشتىمىز
ئەي، سۆيگۈ رىشتىمىز
ئەي، تاغ سۇلىرى سېنى كۈيلەپ قوشاق قاتايمەن
گۈلباغلار ئارا بىللە ئاقايمەن
دولقۇنلىرىڭغا باغرىم ياقايمەن
ئەستىن چىقماس شۇ بەختىيار، شۇ گۈزەل چاغلار
شۇ گۈزەل چاغلار
شۇ گۈزەل چاغلار
ۋەدىمىزدىن بوستان بولۇپ ياساندى باغلار
ۋەدىمىزدىن بوستان بولۇپ
ۋەدىمىزدىن بوستان بولۇپ ياساندى باغلار
ئەي ياساندى باغلار
ئۆتتى يىللار بويلىرىڭدا قالدى كۆپ ئىزلار
سېنى كۈيلەپ تويلىشىدۇ يىگىتلەر قىزلار
سېنى كۈيلەپ تويلىشىدۇ
سېنى كۈيلەپ تويلىشىدۇ يىگىتلەر قىزلار
ئەي يىگىتلەر قىزلار
سېنى كۈيلەپ تويلىشىدۇ
سېنى كۈيلەپ تويلىشىدۇ يىگىتلەر قىزلار
ئەي يىگىتلەر قىزلار
يىگىتلەر قىزلار