Ranglik歌曲封面
00:00
04:25
🔊

B'aHor

专辑
B'aHor
发行日期
2020-07-22
流派
暂无
时长
04:25
播放次数
2,356,789
收藏人数
156,432
歌词
相关信息

作词 : Ranglik

作曲 : Ranglik

خەيرىلىك كەچ مەڭگۈلۈك پەرىشتەم،

ئەگەر سېنى ئۆزۈمدىنمۇ ئارتۇقراق سۆيىمەن،

دېسەم مېنى مەسخىرە قىلارسەنمۇ ياكى تەسىرلىنەرسەنمۇ؟

مەيلى نىمىلا بولسۇن مەن ساڭا بۇ مەكتۇپنى،

يېزىۋاتقان چېغىمدا قوللۇرۇم تىترەۋاتقاندەك،

قەلبىمنى قانداقتۇر بىر ئازابلىق ھەم گۈزەل تۇيغۇ چىرمىۋالغاندەك قىلاتتى.

مەن ئۆز تەسەۋۋۇرۇم ۋە چەكسىز سۆيگۈم بىلەن ئوت كەبى يانماقتىمەن،

ئۇ ئوت ئۇچقۇنلىرى تاكى سېنىڭ كۆزۈڭنى قاماشتۇرۇپ،

دىلىڭدىكى چەكسىز قارمۇزلارنى ئىرىتىپ تۈگەتكۈچە توختىماي كۆيىمەن.

مەن ھەر كۈنى سەن ئۈچۈن بىر پارچە مەكتۇپ يازىمەن،

مەن ھەر كۈنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى ئازاب ھەم شادلىق،

مۇھەببەت ھەم نەپرىتىمنى، كۈلۈمسىرەشلەر ئارىسىدىكى بىغۇبار غەمكىنلىكىمنى ساڭىلا،

پەقەت ساڭىلا ئىزھار قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.

بۇ گويا دەقىقە ئىچىدىكى چەكسىزلىككە ئوخشايدۇ،  ئىشىنىمەنكى :

ئۆمۈر تۈگەيدۇ ئەمما سۆيگۈ مەڭگۈلۈككە ئايلىنالايدۇ،

ئەگەر ئەتىلا ئۆلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ مەن ساڭا ۋە ئەتراپىمدىكى ھەر بىر كىشىگە،

يۇلتۇزلارغا،  قاپقاراڭغۇ تۈنلەرگە، ھەتتا ياپراقلارغىمۇ تەشەككۈر بىلدۈرمەن.

قەدىرلىك پەرىشتەم،

دەرىزەڭنى ئېچىپ يول چىرغى ئاستىدىكى تەنھار خەت ساندۇقۇڭغا قارىغىن،

ئاندىن ئاستا چىقىپ بىر تال ئەتىرگۈل بىلەن بۇ مەكتۇبىمنى تاپشۇرۇپ ئالغىن…

يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى خىلۋەت ھۇجراڭدىكى ئاجىزغىنە شام نۇرى ۋە مەشتە كۆيىۋاتقان سۇس ئوت يالقۇنى،

سېنىڭ ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۈلۈمسىرشىڭنى چۇقۇم چۈشۈمگە ئېلىپ كىرىدۇ…

历史记录

!
提示
播放失败哦,因为我没有版权😂哈哈哈。