00:00
00:00
Wisal Izdap/寻爱
歌词
相关信息
编曲 : murat-musa
作词 : Memeteli Zunun Teshnayi
作曲 : Geni Seley
ۋىسال ئىزدەپ
سۆزى:مەمەتئېلى زۇنۇن تەشنايى
مۇزىكىسى:غېنى سەلەي
شېرىننى كۆرەر بولساڭ پەرھاتنىڭ كۆزى بولغىن
شېرىننى سۆيەر بولساڭ پەرھاتنىڭ ئۆزى بولغىن
كىم لەيلى پىراقىدا مەجنۇندەك كۆيەلەيدۇ
كىمنىڭ قەلبى زۆھرەنى تاھىردەك سۆيەلەيدۇ
ئۆز يارىڭ سۆيۈملۈكتۇر
شېرىن لەيلى زۆھرەدىن
كەتسەڭ ئارمىنىڭ يوقتۇر
ۋىسال ئىزدەپ سۆيگۈ ئىزدەپ دۇنيادىن
پەرھاتنى كۆرەر بولساڭ شېرىننىڭ كۆزى بولغىن
پەرھاتنى سۆيەر بولساڭ شېرىننىڭ ئۆزى بولغىن
كىم مەجنۇنغا لەيلىدەك مېھرىنى بىرەلەيدۇ
كىم تايىرغا زۆھرەدەك ئەقىدە قىلالايدۇ
ئۆز يارىڭ سۆيۈملۈكتۇر
شېرىن لەيلى زۆھرەدىن
كەتسەڭ ئارمىنىڭ يوقتۇر
ۋىسال ئىزدەپ سۆيگۈ ئىزدەپ دۇنيادىن