
00:00
00:00
Hay dostum
歌词
相关信息
بىر دوستۇم بار قېرىنداشتەك بولۇپ كەتكەن ،
بىر دوستۇم بار بايلىقلارى تولۇپ كەتكەن ،
ھەي جېنىم دوستۇم سۆيەرمەن سېنى ،
يۈرەگىمنىڭ قاتلىرىغا قويارمەن سېنى .
دوست دۈشمەننى ئايرىپ بەردىڭ تىرىكچىلىكتە ،
باغرىڭنى ئېچىپ بەردىڭ مۇساپىرلىقتا .
ھەي جېنىم دوستۇم سۆيەرمەن سېنى ،
يۈرەگىمنىڭ قاتلىرىغا قويارمەن سېنى .
ئۇچراشقاندا ئەسلىتىسەن گۈدەكلىكىمنى ،
مۇڭداشقاندا ئاڭلارسەن سۆزلەرىمنى ،
ھەي جېنىم دوستۇم سۆيەرمەن سېنى ،
يۈرەگىمنىڭ قاتلىرىغا قويارمەن سېنى .
ھەي جېنىم دوستۇم سۆيەرمەن سېنى
يۈرەگىمنىڭ قاتلىرىغا قويارمەن سېنى