
Oynayli (Qatma)
ناخشىدا :گۇلباھار ئەنۋەر
ئاينىڭ ئايدىڭى سىزگە
ئاي قاراڭغۇسى بىزگە
بەش ئالتە زامان بولدى
كۆيۈپ يۈرىيمەن مەن سىزگە
بەش ئالتە زامان بولدى
كۆيۈپ يۈرىيمەن مەن سىزگە
ئوينايلى گۈزەل چاغدا
شۇ بەختىيار چاغلاردا
بۇ خۇشاللىق چاغلاردا
ئوينايلى گۈزەل چاغدا
شۇ بەختىيار چاغلاردا
بۇ خۇشاللىق چاغلاردا
Music
يارىم بارمىغان تويغا
مەن سورىماي بارالمايمەن
مەن سورىماي بارالمايمەن
يارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك
چاي قۇيۇپ ئالالمايمەن
يارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك
چاي قۇيۇپ ئالالمايمەن
ئوينايلى گۈزەل چاغدا
شۇ بەختىيار چاغلاردا
بۇ خۇشاللىق چاغلاردا
ئوينايلى گۈزەل چاغدا
شۇ بەختىيارچاغلاردا
بۇ خۇشاللىق چاغلاردا
Music
كىلىڭلار دوسلار ئوينايلى
ھېچكىم چەتتە قالماسۇن
كىلىڭلار دوسلار ئوينايلى
ھېچكىم چەتتە قالماسۇن
كىمنىڭ مەيلى كىمدە بولسا
شۇنىڭ بىلەن ئويناسۇن
كىمنىڭ مەيلى كىمدە بولسا
قويۇپ بىرىڭ ئويناسۇن
ئۇ يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
بۇ يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
ئۇ يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
بۇ يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
ساچىگە ئاسقان لىنتىسىنى
يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
ساچىگە ئاسقان لىنتىسىنى
يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
Music
يا ئۇيان ئۆتەشىم بار
بۇيانمۇ ئۆتەشىم بار
يا ئۇيان ئۆتەشىم بار
بۇيانمۇ ئۆتەشىم بار
سەن قارىمىساڭ يارىم
قىزىل گۈلدەك ئاداشىم بار
سەن قارىمىساڭ يارىم
قىزىل گۈلدەك ئاداشىم بار
ئۇ يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
بۇ يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
ئۇ يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
بۇ يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
ساچىگە ئاسقان لىنتىسىنى
يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
ساچىگە ئاسقان لىنتىسىنى
يانىگە تاشلاپ ئويناسۇن
Music
ئۇ مەلەڭدىن بۇ مەلەڭگە
ئويناي دەپ كەلدىم يارىيار
ئۇ مەلەڭدىن بۇ مەلەڭگە
ئويناي دەپ كەلدىم يارىيار
ياخشىمىكىن يامانمىكىن
بىلەي دەپ كەلدىم يارىيار
ياخشىمىكىن يامانمىكىن
بىلەي دەپ كەلدىم يارىيار
يارىمسەن نىگارىمسەن
كۆڭلۇمدىكى جانانىمسەن
يارىمسەن نىگارىمسەن
كۆڭلۇمدىكى جانانىمسەن
Music
ئۇ شەرىڭدىن بۇ شەرىڭگە
سىنى دەپ كەلدىم يارىيار
ئۇ شەرىڭدىن بۇ شەرىڭگە
سىنى دەپ كەلدىم يارىيار
مەيلىڭ بارمۇ مەيلىڭ يۇقمۇ
سىناي دەپ كەلدىم يارىيار
مەيلىڭ بارمۇ مەيلىڭ يۇقمۇ
سىناي دەپ كەلدىم يارىيار
يارىمسەن نىگارىمسەن
كۆڭلۇمدىكى جانانىمسەن
يارىمسەن نىگارىمسەن
كۆڭلۇمدىكى جانانىمسەن
يارىمسەن نىگارىمسەن
كۆڭلۇمدىكى جانانىمسەن
يارىمسەن نىگارىمسەن
كۆڭلۇمدىكى جانانىمسەن
كۆڭلۇمدىكى يارىمسەن
تېكىست تەھرىرى: ناسىرجان