Ukam
كىچىكىڭدە ئەگشەتتىڭ نەگە بارسام
بۈگۈن ھەتتا بىپەرۋاسەن مەن يالئۇرسام
يېنىمدا تۇر بوي بەستىڭنى كۆرەي مەن ھەم
ئۇكام بار دەپ مەيدەم كېرىپ يۈرەي مەن ھەم
مەن ھېچقاچان قالمىغايمەن ئىزىڭىزدىن
ئەسلا نېرى كەتمىگەيمەن كۆزىڭىزدىن
نە دېسىڭىز چىقمىغاي مەن سۆزىڭىزدىن
گاھى گاھى ئەركىلىنىپ تۇرىمەن دەپ
ئاكام بار دەپ مەيدەم كېرىپ يۈرىمەن دەپ
ئۇكام ئۇكام جانىم ئۇكام مېنىڭ مېھرىبانىم ئۇكام
ئۇكام ئۇكام جانىم ئۇكام ئۆزۈڭ قەدىردانىم ئۇكام
ئاكام ئاكام جانىم ئاكام مېنىڭ مېھرىبانىم ئاكام
ئاكام ئاكام جانىم ئاكام ئۆزىڭىز قەدىردانىم ئاكام
مۇزىكا
سەن ماڭا ئەمەس مەن ھەم سەندىن سۆيۈنەي
يۆلەنچۈگۈم بار دە مەن ھەم كۈيۈنەي
قاچانغىچە ياش بالا دەپ يۈرۈمەي
نېمە دەرد بار ئېيتقىن مانا تۇراي بىردەم
ئۇكام بار دەپ مەيدەم كېرىپ يۈرەي بىردەم
سىز كىم بولۇڭ، مەن كىم بولاي ئۆزۈم
ئۇكىجان دەڭ شۇدەم ھازىر بولاي ئۆزۈم
ئامىتىڭىز كېلىپ تۇرسۇن كۆرەي كۆزۈم
سىزدە دادام سۈرىتىنى كۆرىمەن دەپ
ئاكام بار دەپ كۆكسۈم كېرىپ يۈرىمەن دەپ
ئۇكام ئۇكام جانىم ئۇكام مېنىڭ مېھرىبانىم ئۇكام
ئۇكام ئۇكام جېنىم ئۇكام ئۆزۈڭ قەدىردانىم ئۇكام
ئاكام ئاكام جانىم ئاكام مېنىڭ مېھرىبانىم ئاكام
ئاكام ئاكام جانىم ئاكام ئۆزىڭىز قەدىردانىم ئاكام
مۇزىكا
ياخشى ئوقۇپ بىلىملىك بول
مەيلى بوپتۇ جان ئانامنىڭ پەخرى بول
ئاتىمىزدىن قالغان ئۆينىڭ ئەتىسى بول
كەل خاتىرجەم بولاي مەن ھەم
ئۇكام بار دەپ كۆكسۈم كېرىپ يۈرەي بىردەم
ئاكام ئاكام جانىم ئاكام ئۆزىڭىز قەدىردانىم ئاكام
ئۇكام ئۇكام جانىم ئۇكام ئۆزۈڭ مېھرىبانىم ئۇكام
ئاكام ئاكام جانىم ئۇكام مېنىڭ قەدىردانىم ئۇكام
ئاكام ئاكام جانىم ئاكام ئۆزىڭىز قەدىردانىم ئاكام