00:00
03:27
BiliSan
歌词
相关信息
作曲 : Yusup Sahra
编曲 : Yusup Sahra
بىلىسەن
ئابدۇۋەلى ئەيسا
قەدىرلىسەم قەدرىمگە يەتمەي،
ھازىر مېنى ئەخمەق قىلىسەن.
مەندىن ئەزىز كۆرگەن يارىڭدىن،
تاشلانغاندا ئاندىن بىلىسەن.
ھازىر تاتلىق قىلغان سۆزلىرى،
خۇشاللىقتا يانار يۈزلىرىڭ،
ئىسىت دەيسەن ئاشۇ كۆزلىرىڭ،
ياشلانغاندا ئاندىن بىلىسەن.
سەن ھاياتىم بارلىقىم دېسەڭ،
ئۇنى مەڭگۈ ھەمرايىڭ بىلسەڭ،
كۆڭۈل بىرىپ شۇنچە ئىشەنسەڭ،
ئالدانغاندا ئاندىن بىلىسەن.
سېنى خۇشال قىلسا ئۇ بۈگۈن،
غەمگە قۇيار يا ئەتە ئۆگۈن،
ياش تۈكىسەن قىلغىنىڭ ئۈچۈن،
خارلانغاندا ئاندىن بىلىسەن.