Yar Katti/爱人已消失
作词 : Elyar Muhemmed
作曲 : Elyar Muhemmed
编曲 : Elyar Muhemmed
يار كەتتى
تېكىستى:مۇھەممەت مەسمۇد ھەبىبى
مۇزىكىسى:ئىليار مۇھەممەت
كۆزلىرىنى ئوينىتىپ سۆيگىنىنى بىلدۈردى،
ھىيلە بىلەن، ناز بىلەن توزاقىغا ئىلدۇردى.
باغلىرىمدىن گۈل كەتتى تاغلىرىمدىن قار كەتتى
قويۇپ مېنى يىگانە ئۇ پەرى تاشلاپ كەتتى.
***مۇزىكا***
كەتتى كەتتى يار كەتتى
كۆڭلۈمگە ئازار يەتتى،
ھىجرانىغا قالدۇرۇپ
ئۇ پەرى تاشلاپ كەتتى.
***مۇزىكا***
قاراپ قاراپ تويمىدىم، دەرتلەر بېرىپ قىينىدى.
گاھ ئەركىلەپ، گاھ قىيناپ ئۆز ھالىمغا قويمىدى.
گۈل دەپ سۆيۈپ تىكەننى ئازارى جانغا يەتتى،
داغدا قويۇپ يۈرەكنى، ئول بىشەپقەت يار كەتتى.
***مۇزىكا***
كەتتى كەتتى يا كەتتى
كۆڭلۈمگە ئازار يەتتى،
ھىجرانىغا قالدۇرۇپ
ئۇ پەرى تاشلاپ كەتتى.
***مۇزىكا***
كەتتى كەتتى يا كەتتى
كۆڭلۈمگە ئازار يەتتى،
ھىجرانىغا قالدۇرۇپ
ئۇ پەرى تاشلاپ كەتتى.