Kayda San Muhabbat
编曲 : Mahmutjan Mamut麦合木提江
قايدا سەن مۇھەببەت
ئورۇنلىغۇچى: مەھمۇتجان مامۇت
ئاككۇرۇدلاشتۇرغۇچى: مەھمۇتجان مامۇت
ئەسلى ئورۇنلىغۇچى: پەرىخە يۈسۈپ
مۇزىكا
ئېسىمدىن چىقمايدۇ ، چىغىر يول بويلاپ
ماڭاتتۇق قول تۇتۇشۇپ ، كۆڭۈللەر شادىمان
بېشىڭغا تاقىساڭ گۈللەر تاجىنى
گۈل كەبى ھۆسنۈڭگە بولغانتىم خۇمار
بېشىڭغا تاقىساڭ گۈللەر تاجىنى
گۈل كەبى ھۆسنۈڭگە بولغانتىم خۇمار
مۇزىكا
ھاياتىم ماماتىم دەپ ماڭا كۆيسەڭ
قۇياشنى سۆيگەندەك سۆيگەنتىم سېنى
ئالدانغان ئىكەنمەن ئەمدى چۈشەنسەم
ئېيتقىنە مۇھەببەت قايدا ، سەن قېنى
ئالدانغان ئىكەنمەن ئەمدى چۈشەنسەم
ئېيتقىنە مۇھەببەت قايدا ، سەن قېنى
مۇزىكا
يىگانە يۈرىمەن ، غەمسىزدۇر كۆڭلۈم
سەنسىزمۇ ياشايمەن ھاياتىم گۈزەل
ۋە لېكىن ئېسىمدە تۇنجى سۆيگىنىم
قەلبىمدە ئېيتىمەن مۇڭلۇق بىر غەزەل
ۋە لېكىن ئېسىمدە تۇنجى سۆيگىنىم
قەلبىمدە ئېيتىمەن مۇڭلۇق بىر غەزەل
مۇزىكا
ھاياتىم ماماتىم دەپ ماڭا كۆيسەڭ
قۇياشنى سۆيگەندەك ، سۆيگەنتىم سېنى
ئالدانغان ئىكەنمەن ئەمدى چۈشەنسەم
ئېيتقىنە مۇھەببەت قايدا ، سەن قېنى
ئالدانغان ئىكەنمەن ئەمدى چۈشەنسەم
ئېيتقىنە مۇھەببەت قايدا ، سەن قېنى
ئېيتقىنە مۇھەببەت قايدا ، سەن قېنى